يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار شىرزات باۋۇدۇن جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمىدە سىرلىق ھالدا جان ئۈزگەن

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدار شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 7-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن ئېكراندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان چېغىدا، دائىرىلەر ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سىرلىق ئۆلۈم ھەققىدىكى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق ئەزاسى شىرزات باۋۇدۇن، 2018 ‏-يىلى 11 ‏-ئايدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى «جىنايىتى» بېكىتىلىپ قولغا ئېلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ شىرزات باۋۇدۇن بىلەن مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۆتكەن ھەپتە ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىرزات باۋۇدۇن تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى شىرزات بىلەن ئېكراندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىدا، دائىرىلەر ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىچكى جەھەتتىن ئۇقتۇرۇلغانلىقى، ئەمما سەۋەبىنىڭ بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن چېغىدا ئۆلۈم سەۋەبى، ۋاقتى ۋە جەسەتنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. پەقەت شىرزاتنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشۈش تەلىپى سۇنماسلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى شىرزات باۋۇدۇن تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ئايچە ئېغىر سوراق ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان بولغاچقا، بۇ نۆۋەت شىرزاتنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات سوراشقا جاسارەت قىلالمىغان. شىرزاتنىڭ ئائىلىسى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان كىشىلەر، مەزكۇر ئائىلىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ھال سوراپ كىرىپ تەسەللى بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شىرزات باۋۇدۇننىڭ جان ئۈزگەنلىكى جەمئىيەتكە تارقىلىشقا باشلىغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر تۈرمە خادىمى، شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تۈرمە خادىملىرى ئارىسىدىكى بىر يىغىندىن ئۇققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «دىنىي رادىكاللىق قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، شىرزات باۋۇدۇن «ئۇزۇن مەزگىل ھالقىلىق ئورۇنلاردا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن شىرزات باۋۇدۇن 30 يىلدىن بۇيان ئاساسەن سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ 1988‏-يىلى غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ نازىر دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىغا يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى يەنى 1989‏-يىلىدىن 2011‏-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى سىياسىي بۆلۈم باشلىقى، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق (گوباۋ) بۆلۈمى باشلىقى، قاراقاش ناھىيەسىگە ھاكىم ۋە پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە شىرزات باۋۇدۇن «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇققا» چېتىلىش، «دىنىي رادىكاللىق» نى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھۆكۈمدە يەنە پاكىتلاردىن بىرى سۈپىتىدە شىرزات باۋۇدۇننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج ئۆمىكىنى باشلاپ چىققان مەزگىلىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «مىللىي مۇستەقىللىق» نى پىلانلىغانلىقى ۋە ئۇلارغا بىر مىليون يۈەن نەق پۇل تەقدىم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. گەرچە ھازىرغا قەدەر چەت ئەلدىكى پائالىيەتچىلەر بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر باياندا بولمىغان، ھەتتا خەۋەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بەزى گۇۋاھچىلار بۇنداق بىر مۇناسىۋەتنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شىرزات باۋۇدۇن خىتاي تېلېۋىزىيەسىدىكى پۇشايمان باياناتىدا بۇ قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەر تۆت ئايدا بىر قېتىم ئېكراندا كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 3‏-ئايدا كۆرۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەل ئالامىتى ۋە بەدەندە ئەندىشىلىنەرلىك بىر ئاجىزلىشىش ھالىتىنى كۆرمىگەن. شۇڭا شىرزاتنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ئائىلىسى ۋە جەمئىيەتكە تولىمۇ ئۇشتۇمتۇت ۋە سىرلىق بىلىنگەن.

يۇقىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدار شىرزات باۋۇدۇننىڭ سىرلىق ھالدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.