شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندە 25-ئىيۇن كۈنى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شىۋېيتسارىيە تىبەت ياشلار تەشكىلاتى، تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە كامپاكىس تەشكىلاتى بىرلىكتە شىۋېتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قارىتا تەييارلىغان «قىزىل سىزىق» ناملىق ئىمزالىق تەلەپ خېتى شىۋېيتسارىيە دۆلەت ئىقتىسادىي ئىشلىرى كاتىبات باشقارمىسىغا تاپشۇرۇلغان.
بۇ ئىمزالىق خەت بىلەن ئۈستىگە «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» ئاستىغا، «كىشىلىك ھوقۇق بولمىسا خىتاي بىلەن ئەركىن سودا بولمايدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكات شىۋېيتسارىيە دۆلەت ئىقتىسادىي ئىشلىرى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇي پارمەلىنگە تاپشۇرۇلغان. خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئاننا لەيسېڭ خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇ، «بىز بۈگۈن شىۋېتسارىيەگە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قارىتا قىزىل سىزىقىمىز ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدە كىشىلىك ھوقۇق ئايرىم تۇتۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق» دېدى.
شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي 2014-يىلى ئىمزالىغان «شىۋېتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» گە ئون يىل بولغان بولۇپ، شىۋېيتسارىيە ياۋروپادىكى خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان بىردىنبىر دۆلەت. شىۋېيتسارىيە ب د ت ۋە خەلقئارالىق يىغىنلاردا داۋاملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ كەلگەن دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىيالوگ خىتاينىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان 2018-يىلىدىن باشلاپ توختىغانىدى. بۇ يىل يېڭىدىن باشلانغان بۇ دىيالوگ دەل مۇشۇ «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» دىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىغا 10 يىل بولغانلىقىنى، شۇنداقلا 2020-يىلىمۇ بىر قېتىم 20 مىڭ كىشىلىك ئىمزانى پارلامېنتقا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «شىۋېتسارىيەدەك بىر دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئىشغالچى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىسمەتلەرگە بىتەرەپ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشىغا زىت» دېدى:
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئاننا لەيسېڭ خانىم يەنە، بۇ «قىزىل سىزىق» پائالىيىتىنىڭ مەقسىتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ شۇنداق دەيدۇ؛ ؛ «بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئارقىلىق، شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە بۇنىڭغا تەنقىدىي قاراش بىلەن بولۇۋاتقان بىزدەك ئورگانلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتمەكچىمىز شۇنىڭدەك يەنە شىۋېيتسارىيەنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمماسلىقىنى، رەئىسلەر كېڭىشىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇشىنى تەكىتلىمەكچىمىز».
بۇ پائالىيەتتە «قىزىل سىزىق» خېتىنى تاپشۇرۇشقا قاتناشقان شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام: «ئەينى ۋاقىتتا بۇ كېلىشىمنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپىسى بولۇشى ئۈمىد قىلىناتتى. ئەمما 10 يىلدىن كېيىنكى نەتىجە: سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئەندىزىسى مەغلۇپ بولدى» دېدى:
بۇ قېتىمقى توپلانغان ئىمزالىق خەتتە؛ «شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 54-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا؛ ‹فېدېراتىپ ھۆكۈمەت شىۋېتسارىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە پاراۋانلىقىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ، بولۇپمۇ دۇنيادىكى قىيىنچىلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقلەر ئارا تىنچ بىللە تۇرۇش ۋە ھاياتنىڭ تەبىئىي ئاساسىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدۇ› دەپ بەلگىلەنگەن. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ تاشقى سىياسەت پائالىيىتىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلىدى، شۇڭا بىز بۈگۈن فېدېراتسىيە كېڭىشىگە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىمىز!» دەپ يېزىلغان.