بېرندە ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇقسىز ئەركىن سودا قايتا تەرەققىي قىلمايدۇ» ماۋزۇلۇق سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2024.07.03
شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندە 1-ئىيۇل كۈنى كەچتە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «10 يىللىق ئەركىن سودا كېلىشىمى كىشىلىك ھوقۇقسىز قايتا تەرەققىي قىلمايدۇ» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇنازىرە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سۆھبەتكە شىۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن كىرىستىنا بادەرتشەر (Chiristine Badertscher) خانىم، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شىۋېتسارىيەلىك سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر، يەرلىك خەلقلەر قاتناشقان.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش سۆزىنى قىلغان خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئاننا لەيسېڭ (Anna leissing) سۆز قىلىپ، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فېدېراتسىيە كېڭىشى ئەزاسى گاي پارمېلىن (Gui Parmelin) گە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاننا لەيسېڭ خانىم مۇنداق دېدى: «شىۋېتسارىيە خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىگە 10 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە كېڭىشى ئەزاسى گاي پارمېلىن بېيجىڭدا، بىز بۇ يەردىن ئۇنىڭغا شۇنى خاتىرىلەتمەكچى: كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالماي تۇرۇپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ! بۇ كېلىشىمدە كىشىلىك ھوقۇق ئالدىنقى شەرت بولۇشى كېرەك! »
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فېدېراتسىيە كېڭىشى ئەزاسى گاي پارمېلىن (Gui Parmelin) مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، شىۋېتسارىيە-خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان. شۇنداقلا، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيارەت ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ سۆھبەتتە سۆز قىلغان شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام، سۆزىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك «بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەش بىلەن باشلاپ: «بۇ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىۋېتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. شىۋېتسارىيە خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تەرەققىياتقا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك!» دېگەن.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئورتاقلاشتى.
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە؛ «شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دا ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشتى. بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەۋەر قىلىندى. بۇ لاگېرلارنىڭ بەزىلىرى يېقىندا خەلقئارالىق بېسىم سەۋەبىدىن تاقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاھالىلىرى يەنىلا لاگېرلارنىڭ سىرتىدا نازارەت قىلىنىپ، ھەرىكەت ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن. لاگېرلاردىكى مەھبۇسلار ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مەجبۇرىي تۇغماسلىق ۋە باشقا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ نوپۇس تەركىبىدە قانداق قىلىپ زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى خاتىرىلەنگەن» دېيىلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن، بۈگۈنكى بۇ سۆھبەتنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى سېلىنا موررېل خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن بۇ يەردە شىۋېتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئاساس قىلغان بىر مۇنازىرە سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ يەردىكى تېما؛ بىز دەۋاتقان ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى بولۇپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئېغىر بولسىمۇ، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈن گاي پارمېلىن بۇ كېلىشىمنىڭ 10 يىل بولغان كۈنىدە بۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەتتى. بىز بۇ يەردىن ئۇنىڭغا، خىتاي بىلەن بولغان بۇ كېلىشىمدە، مېدالنىڭ يەنە بىر يۈزىگىمۇ قاراش كېرەكلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئالدىنقى شەرت بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ كېلىشىمنى داۋام قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىش ۋە فېدېراتسىيە كېڭىشىگە مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق» دەيدۇ.
بېرندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پىروگراممىغا يۈزدىن جىق كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇ سۆھبەت شىۋېتسارىيەلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدىكى رېئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەندىن باشقا يەنە رىزۋانئاي ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسارىيەدە دۇچ كېلىۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى:
شىۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى كىرىستىنا بادەرتشەر خانىم پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەردىن قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى سوراپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىلەرنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.