شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمامدۇ؟
2024.09.03
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، لىتۋا، چېخىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان باشقا غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى. بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن گېرمانىيە ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل سەل قاراپ كەلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە بېرىپ تاقالغانلىقىنى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك كۆزنەك» گېزىتىنىڭ 2-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «غەرب خىتايدىن ئۇزاقلاشماقتا، شىۋېيتسارىيە دەل ئەكسىچە يول تۇتماقتا» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە شىۋېيتسارىيە سودا ساھەسىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئۇزارتىشىنى ماقۇللاپ قارار ئالغان. بۇ دېگەنلىك، شىۋېيتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا پارلامېنتقا سۇنغان ئەرزلىرى مەغلۇپ بولدى، سودا ساھەسىنىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن تىجارەت قىلىشىغا توسالغۇ قالمىدى» دېگەنلىك بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تولۇقلىما مەبلەغ بىلەن ئەرزان باھالىق ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سانائىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپمۇ كەتمىگەن. خىتاي شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، سىلوۋېنىيەدىن قالسا 5-چوڭ بازار ھېسابلىنىدىكەن.
شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەندېلى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 10 يىلدىن بۇيان بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي كەلمەكتىكەن.
«غەرب خىتايدىن ئۇزاقلاشماقتا، شىۋېيتسارىيە دەل ئەكسىچە يول تۇتماقتا» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا خىتاينىڭ كۆپ خىل تاۋارلىرىغا جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويدى. بۇ مۈشكۈل ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە ھېسابلىنىدۇ. بۇ غەربنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايدىن ئۇزاقلىشىشىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇزاقلىشىشقا سەۋەب بولغان ئامىل شۇكى، خىتاينىڭ يۇقۇملۇق كېسەل دەۋرىدىكى قىلمىشلىرى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئىزچىل ھالدا تاجاۋۇزچى تەرەپتىن ئايرىلمىدى.»
2021-يىلىدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا سالىدىغان مەبلەغنى ئازايتىشقا، غەرب شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان، نەتىجىدە 2024-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسكە پاتقان. مۇشۇنداق بىر دەۋردە، يالغۇز شىۋېيتسارىيەلا ئەمەس، خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىشقا بار كۈچى بىلەن تېرىشىۋاتقان گېرمانىيەنىڭمۇ بۇ يىل خىتايغا سالغان مەبلىغى، ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 7.4 پىرسەنت ئاشقان. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ مەبلەغنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولغان ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شىۋېيتسارىيە خەلقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خىتاينىڭ خەلقئارادا ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى سانىلىدىكەن. سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى ئەگەر پارلامېنت خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بەرمىسە، شىۋېيتسارىيە خەلقى پارلامېنتنىڭ قارارىنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەيدىكەن. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى شىۋېيتسارىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2021-يىلى تۈزگەن «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيە ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى خىتاينى رەنجىتىپ قويۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سودا تەڭپۇڭسىزلىقى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن.
سوتسىيالىستلار پارتىيەسىدىن فابىيان مولىنا مۇنداق دېگەن: «كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بۇرژۇئازىيە بۇ مۇستەبىتلەر بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەقىقىلەردە خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەپنە قىلىۋېتىلىشى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. سىياسىي جەھەتتىن بولسا ئەخمەقلىقتۇر. ئەگەر شىۋېيتسارىيە خەلقى پارلامېنتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېتەرلىك دەرىجىدە تەنقىدىي ئىپادىدە بولالمىغانلىقى بىلسە، بۇ يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.»
ھالبۇكى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، بۇ ھەقتە پارلامېنت كاتىپى ھېلېنې بۇدلىگېر مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ۋاز كېچىشىمىز، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنداق بىر قارار شىۋېيتسارىيە ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.»