شۋېتسارىيەنىڭ «نەزەر» گېزىتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابى ۋە شۋېتسارىيەنىڭ سۈكۈتى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2022.12.14
شۋېتسارىيەنىڭ داڭلىق كۈندىلىك گېزىتلىرىدىن گېرمان تىلىدا چىقىدىغان «Blick»، يەنى «نەزەر» گېزىتى 13-دېكابىر كۈنى «ئازسانلىقلارنىڭ ئازابى، شۋېتسارىيەنىڭ سۈكۈتى، ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىتى» دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇ ئاستىدا «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كوللېكتىپ جازا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ يەردىكى ‹ئاز سانلىقلار› ئىبارىسى ئۇيغۇرلارنى، ‹ئەلچىخانا› بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆزدە تۇتقانىدى.
ماقالە مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «قايتا تەربىيەلەش، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش: ئۇيغۇرلار خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئازابلانماقتا. تەخمىنەن 1 مىليون مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا سولاندى، ئۇلاردىن قايتىپ چىقالايدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. شاھىتلار، دەلىللەر ھەمدە ئىككى ئاي ئىلگىرى ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار بۇ ئېغىر زۇلۇملارنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان بىر چاغدا، 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوت ئاپىتى دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىنى يەنە قايتىدىن بۇ مەسىلىگە تارتىپ ئەكەلدى».
«نەزەر» گېزىتى بۇ ماقالە ئۈچۈن زۇرىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سىمونا گرانو خانىمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ قەدەر ئۆچمەنلىكى نەدىن كەلگەن؟» دېگەن سوئالغا سىمونا بىرقانچە نۇقتىدىن چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «1949-يىلى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلىش ھەرىكەتلىرى باش كۆتۈرگەن، ئىلگىرى بىر مەزگىل خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىمۇ يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ئومۇمىي ئېقىمدا ‹بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش› دېگەن نامدا كۈرەش باشلىغان».
ئەمما سىمونا گرانونىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كوللېكتىپ جازا يۈرگۈزۈشىنىڭ باشقا بىرقانچە مۇھىم سەۋەبلىرى باركەن. بۇنىڭ بىرى، شى جىنپىڭنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى بولۇپ، خىتايدىكى ھەرقانداق دىن پارتىيەنىڭ خۇداسىزلىق نەزەرىيەسىگە ھەم خىتايلارنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەككەن. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر رايونى مول تەبىئىي بايلىق ماكانى بولۇپلا قالماي، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چىقىش ئېغىزى بولغاچقا، خىتاي بۇ يەردە ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈپتىن جىمىقتۇرۇشنى كۆزدە تۇتقانىكەن. ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر رايونى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەجرىبە ماكانىغا ئايلانغان. بۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان نازارەت ۋە باشقۇرۇش سىستېمىلىرى تەدرىجىي ھالدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئومۇملىشىدىكەن.
كۈندىلىك مۇشتىرىسى 472 مىڭدىن ئارتۇق بولغان «نەزەر» گېزىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرگە كۆپلەپ سەھىپە ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ گېزىت 6-دېكابىر ئېلان قىلغان «خىتايلار تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتماقتا» ناملىق ماقالىسىدە شۋېتسارىيە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاندېلى مەمەتكەرىمنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدىكى بايانلىرىغا كەڭ ئورۇن بەرگەنىدى. بۈگۈن، 14-دېكابىر كۈنى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاندېلى مەمەتكەرىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە شۋېتسارىيە پارلامېنتىدا تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەبىبۇللا ئىزچىمۇ شۋېتسارىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كوللېكتىپ جازا» ناملىق ماقالىدا خىتاينىڭ شۋېتسارىيە پايتەختى بېرىندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقى» ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ شەرھلەپ ئۆتۈلگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى «نەزەر» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن يازما شەكىلدىكى جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ مەسىلىسى دىنىي مەسىلە، مىللىي مەسىلە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋان تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. 1990-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە شىنجاڭدا مىڭلارچە قېتىم زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ خەلق ھاياتىدىن ئايرىلدى».
خىتاي ئەلچىخانىسى خېتىدە يەنە شۇلارنى بايان قىلغان: «ب د ت نىڭ دوكلاتى تامامەن ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب كۈچلىرى لايىھەلەپ ياساپ چىققان بىر دوكلات. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قانۇنسىز ۋە مەنىسىز. ئۇنىڭ مەزمۇنى تامامەن يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئۇ ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتاينى تىزگىنلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالىدۇر. شىنجاڭدا ئەزەلدىن ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرى ياكى جازا لاگېرى دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولۇپ باقمىدى. بۇ يەردىكى تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەلەرنىڭ يولغا قويغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىلان-لايىھەلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق».
«ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كوللېكتىپ جازا» ناملىق ماقالىدا يەنە شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى يولغا قويۇۋاتقان خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشالمايۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن. شۋېتسارىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشىغا خىتاي بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلىدە ئېرىشىۋاتقان تاموژنا بېجىدىن قۇرۇق قېلىش ئەندىشىسىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.