شىۋېيتسارىيە مەتبۇئاتلىرى: «تىجارەت ئاساسلىق تېما ئىكەن، ئۇيغۇرلار بىلەن كىمنىڭ كارى؟»

0:00 / 0:00

19-دېكابىر، شىۋېيتسارىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت «شىۋېيتسارىيە ھەپتىسى گېزىتى» «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، چوڭ ھەجىملىك بىر ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئېنرىكو كاۋپمانن ( Enrico Kampmanm)نىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان، «تىجارەت ئاساسلىق تېما ئىكەن، ئۇيغۇرلار بىلەن كىمنىڭ كارى؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ئوبزورنىڭ بېشىدا؛ «شىۋېيتسارىيە خىتاي بىلەن يېڭىدىن بىر ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتا، كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراش بىر ئادەتكە ئايلاندى» دەپ، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېلىشىمنى تۈزۈشىنى ئېغىر كىنايىلىك سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلغان.

شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم بىلەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىدا. 2024-يىلى دېكابىر، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم بىلەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىدا. 2024-يىلى دېكابىر، شىۋېيتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

ئاپتور ئوبزوردا شىۋېيتسارىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. ئوبزورىدا: «شىۋىيتسارىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى شىۋېيتسارىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 54-ماددىسىدىكى «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلغان»، دېيىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زۈرىخ شتاتىدىكى ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، تىبەت، مەسىلىسى ھەققىدە داۋاملىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دانىيال ئاۋۇپشلاگېر (Daniel Aufschlager)نى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.

شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى پىروفېسسور پاۋلو بېرناسكونى ئەپەندى بىلەن «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، چوڭ تىپتىكى جازا لاگېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما رەسىم ئالدىدا. 2024-يىلى 19-دېكابىر، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى پىروفېسسور پاۋلو بېرناسكونى ئەپەندى بىلەن «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، چوڭ تىپتىكى جازا لاگېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما رەسىم ئالدىدا. 2024-يىلى 19-دېكابىر، شىۋېيتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشلار بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى زۇلۇم سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئارقا سەھنىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ سۆز مەنچە شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگىمۇ ماس كېلىدۇ: شىۋېيتسارىيە ياۋروپادىكى بىردىنبىر خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپلىمە ھالدا يولغا قويغان ۋە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تۈزگەن دۆلەت. بۇ، شان-شەرەپ ئەمەس، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى توختاتتى، چۈنكى بۇ كېلىشىم شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن مۇۋاپىق ئەمەس».

ئېنرىكو كامپمانن بۇ ئوبزورىدا؛ «ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرى› غا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، خورلاش، قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەدەنىيىتى، كىملىكىنى يوق قىلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ب د ت نىڭ بولسا بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەت دەپ ئاتىغانلىقى» كۆرسىتىلىپ: «مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، فېدېراتسىيە كېڭىشى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرماقچى»، دەپ فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ بۇ قارارى تەنقىد قىلىنغان.

شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى ۋە خىتاي قارا تاشلىق كىتابىنىڭ ئاپتورى چارلېس ساراسېن ئەپەندى. 2024-يىلى 19-دېكابىر، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى ۋە خىتاي قارا تاشلىق كىتابىنىڭ ئاپتورى چارلېس ساراسېن ئەپەندى. 2024-يىلى 19-دېكابىر، شىۋېيتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

ئوبزوردا، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا 2017-يىلىدىن بېرى ۋەتىنىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان ئەندىلى قاراخاننىڭ ھېكايىسى مىسال قىلىنىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەندىلى قاراخان، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ۋە شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قارشى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەر ۋە بۇ ئوبزور ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئېنرىكو كاۋپمانن بۇ ئوبزورىدا يەنە «ئوتتۇرا شەرقتىكى توختىمىغان ئۇرۇشلار، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى قاتارلىق دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقا پىلاندا قالدى، بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك جازاغا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئۇلار ئۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ، ‹شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى› ئارقىسىدىكى پايدا-مەنپەئەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى»، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەندىلى قاراخان قاتارلىقلارنىڭ ھېكايىسىنى مىسال ئالغان.

شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، چوڭ تىپتىكى جازا لاگېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما رەسىم ئالدىدا. 2024-يىلى دېكابىر، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، چوڭ تىپتىكى جازا لاگېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما رەسىم ئالدىدا. 2024-يىلى دېكابىر، شىۋېيتسارىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

ئەندىلى قاراخان، «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى ۋە سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا ھەر خىل لوبىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىش ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ھەققىدە شىۋېيتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ ئوبزوردا يەنە؛ «2021-يىلى 3-ئايدا، فېدېراتسىيە كېڭىشى كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىق قىلىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىزچىل ھەل قىلىنىشى كېرەك، دېگەنىدى. بۇ مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى مەسئۇل كىشىلەرگە جازا يۈرگۈزدى. ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيە بۇنى دەرھال قوللىدى. نورۋېگىيە بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇنىڭغا ئەگەشتى. ئەمما شىۋېيتسارىيە بۇ ھەقتە ھېچ ئىش قىلمىدى» دەپ يېزىلغان.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، خىتاي قارا تاشلىق كىتابىنىڭ ئاپتورى چارلېس ساراسېن مۇ(Charles Sarrassen) ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنىمۇ راديو ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىلەن تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەندە، كىشىلەر يەنىلا ‹سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› روھى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاكتىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. بىز ھازىر بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۇق.

ئەركىن سودا كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشقا ئائىت قائىدىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ قائىدىگە ماس كېلىشى كېرەك.

1) پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن خالىي بولۇشى كېرەك،

2) پۈتكۈل تەمىنلەش ھالقىسى مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن قەرەللىك ۋە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلۈشى كېرەك،

3) ماسلاشمىغان ئەھۋالدا جازا يۈرگۈزۈش كېرەك.

خىتايغا كەلسەك، بۇ ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغىلى بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە زور گۇمان بار. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەسىلىدە شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنىڭ يوقلىغىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. غەرب بىلەن رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تىركىشىشنى كۆزدە تۇتقاندا، شىۋېيتسارىيە غەرب بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلسا ياخشى بولاتتى. مېنىڭچە، ھازىر بار بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتا سۆھبەتلىشىش ئەمەس، بەلكى بۇ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى كېرەك».

شىۋېيتسارىيە تۇنجى بولۇپ، 1950-يىلى، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا 2007-يىلى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىچىدە تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇشى سۈپىتىدە، دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا قىلىشىغا يول ئاچقان. شۇنداقلا، 2014-يىلى «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالىغانىدى.

شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 54-ماددىسىدا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەجبۇرىيىتى بار، دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىيو كاسسىس «شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە شىۋېيتسارىيەدىكى مەتبۇئاتلار ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭدا دېيىلگەنلەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويماقتا.