شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

بېرىندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2023.09.22
shiwetsariye-uyghur-ana-til-1.jpg شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۇتۇپخانىدا. 2023-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Hebibulla Izchi

شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى 16-سېنتەبىر كۈنى ئوقۇش باشلىدى. شۇ كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ ھەر قايسىي شىتاتلىرىدىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر، پايتەخت بېرننىڭ چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى رايونىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەڭگارەڭ ئەتلەس كۆينەكلىرى ۋە گىلەم دوپپىلىرى بۇ مەكتەپنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشقان ئىدى. يازلىق تەتىلدىن كېيىنكى بۇ تۇنجى دەرس ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئۆتۈلدى. ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى ساجىدە خانىمنىڭ ئانا تىل دەرسىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىللىي خاسلىقى توغرىلىق ئەتراپلىق بىلىملەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتى.

شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئاڭلىماقتا. 2023-يىلى سېنتەبىر.
شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئاڭلىماقتا. 2023-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Hebibulla Izchi

نەق مەيداندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغان ساجىدە خانىم مۇنداق دېدى: «چەت ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. پەرزەنتلىرىمىز ئانا تىلىنى بىلمىسە، ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ۋەتەندىكى مەكتەپلەردە ئانا تىلىمىز يوق قىلىندى، بىز چەت ئەلدە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، ھېچ بولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىمىز دېسەك پۇرسىتىمىز بار، شۇڭا ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى باي تىل، بۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىلنى سۆزلىسىلا ئانا تىلنى بىلگەن بولىدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلار ھېچ بولمىسا ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ، باشتىن باشلاپ سىستېمىلىق ھالدا ئانا تىلنى ئۆگىنىش بەك مۇھىم ئىكەن.»

دەرس ئارىلىقىدا ئالدىنقى قېتىم شىۋېتسارىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلارنىڭ ئەركىن بوكس مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان ئىلتەرىش بىلەن بىلگەخان بىزگە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى شېئىرنى- «ئانا تىل» ۋە «ۋەتەن ئوغلى» ناملىق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسخانىدا. 2023-يىلى سېنتەبىر.
شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسخانىدا. 2023-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Hebibulla Izchi

شىۋىتسارىيە پايتەختى بېرندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى بېرن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ بېرندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن دەرس بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى، شىۋېتسارىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش تارىخى، بۇ جەرياندا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئانا تىل مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى، شۇڭىمۇ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداش قېلىشنى مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارايمىز. شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ بۇ يەردىكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئانا تىل بىلەن تەربىيەلەش ھەمدە ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ.»

بېرندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش جەريانىمۇ بىر مەيدان سىياسىي كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش ئىشىدا بېرن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل توسقۇنلۇقى ئەمەلگە ئاشمىغان.

شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىگە لېختەنشتەيندىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئىفران ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ سىزغان رەسىم. 2023-يىلى سېنتەبىر.
شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىگە لېختەنشتەيندىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئىفران ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ سىزغان رەسىم. 2023-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ ھەقتە ئەندىلى ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «مەن شۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم، بۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل ۋەكىللىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل ۋەكىلىمۇ بار ئىكەن. شۇ يىغىندا ھەممە مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى، ئانا تىل دەرسىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە دەرس سائىتى قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مەكتىپىگە قاتنىشالايدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولغاندا يۈزدىن ئاشىدىكەن. مەنمۇ شۇ يىغىندا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ جىق بولغاندا 16-15 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا ئۇلار ھەيران قالدى. مەن شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەسلىكىنى ۋە تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئېيتتىم. خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە خرىسلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئانا تىل مەكتىپى ۋە سىنىپلىرىغا جىددىي ئېھتىياجى بارلىقىنى تۇنۇشتۇرغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى توسقۇنلۇق قىلىپ، ئارىدا راھەتسىزلىك پەيدا قىلدى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىدى.»

ئەندىلى ئەپەندىنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەكىلىنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي دادىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، بېرن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئانا تىلىنى ئۆگىنىدىغان مەخسۇس سىنىپ ئېچىش قارارىنى چىقارغان. بۇ ھەقتە ئەندېلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىغا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغان بەزى ئائىلىلەر 160 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ كېلىدۇ. ئانا تىل مەكتىپى پەقەتلا ئانا تىل دەرسى ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، سانى جىق بولمىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ چەت ئەلدىكى يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيەلىشى ھەم جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇشىغا يېتەكلەش ئۈچۈندۇر. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ جاپا چېكىدىغىنى يەنىلا شىۋېتسارىيەدىكى پىداكار ئۇيغۇر ئانىلاردۇر.»

شىۋىتسارىيە كۆپ تىللىق ۋە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت. بۇ دۆلەتتە گېرمانچە، فىرانسۇزچە، ئىتالىيانچە ۋە رومانچە قاتارلىق تۆت خىل تىل قوللىنىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەردە ئاساسلىقى گېرمانچە، فىرانسۇزچە، ئىتالىيانچە ۋە ئىنگلىزچە تىللار ئاساس قىلىنىدۇ. شىۋىتسارىيەنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ-تۆت تىللىق بولۇپ چىقىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

بېرندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق تۇنجى قېتىملىق دەرسى قاينام-تاشقىنلىق ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتۈلدى. دەرس ئاخىرىدا شىۋېتسارىيەنىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ، دوستلاشتى ھەمدە بىللە ئوينىدى، ئاخىرىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.