شىۋېتسارىيە خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلاشماقچى

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 5-كۈنى شىۋېتسارىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئايدا خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدىكى سولچىللار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمى بارغانسېرى كۈچەيگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەيۋەنگە بولغان ھەربىي مۇداخىلەسى ۋە دۇنيا تېنىچلىقىغا قارىتا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرى سەۋەبلىك خىتايغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن.

خەۋەردە 2021-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق 4 خىتاي ئەمەلدارىغا ھەمدە بىر خىتاي شىركىتىگە قارىتا جازا تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ جازانىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، 4 خىتاي ئەمەلدارى بىلەن بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇبادا شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللانماقچى بولسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان خىتايلاردىن سىرت، يەنە «خىمىيەلىك قوراللار قانۇنى»، «تور بوشلۇقى خەۋپسىزلىكى نىزامى» قاتارلىق تۈرلۈك خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان خىتاي شىركەتلىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنىمۇ نىشانلىق مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ مۇزاكىرە مۇشۇ ھەپتىدە پارلامېنتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەرگە بۇ يىل 5-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قارىماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز» دېگەنلىكى ئۇلانما قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى قوشۇمچە قىلىنغان.

بىراق، بىتەرەپ دۆلەت بولغان ھەمدە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان شىۋېتسارىيە مۇبادا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەم تەيۋەنگە سېلىۋاتقان تەھدىتى تۈپەيلى خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرىنى يولغا قويسا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالغاندىن بەكرەك، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئېرىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك شىۋېتسارىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستېرى گۇي پارمېلىن بۇ جازا تەدبىرى مەسىلىسىگە سەگەك مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىگە ھازىرغا قەدەر ئىزچىل سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان شىۋېتسارىيە، ئەمدى بولغاندا نېمە ئۈچۈن خىتايغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلىشىپ قالدى؟

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىۋېتسارىيەنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە خىتايغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلىشىشىغا كۈنسېرى كۈچۈيىۋاتقان خەلقئارالىق بېسىم، خىتايغا قارشى شەكىللىنىۋاتقان دۇنياۋىي ئېقىم ھەمدە غەرب قىممەت قارىشىغا ساھىپ بولغان بۇ دۆلەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە ئوبرازىنىڭ زىدىلىنىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان.

بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كەبى مۇھىم ئورگانلىرى جايلاشقان ئەركىن ھەم بىتەرەپ دۆلەت بولغان شىۋېتسارىيەگە يېقىندا 47 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2018-يىلى 9-ئايدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، يالغۇز شىۋېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىپادە بىلدۈرۈشنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان كۆپلىگەن پائالىيەتلىرىنىڭ شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت خىتايغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلىشىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى «يېڭى زۈرۈكلىكلەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا قانداق قىلىش كىرەك؟ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ يامان ئېھتىماللىقلار ئۈستىدە ئويلىنىشى لازىم» ناملىق ماقالىدىمۇ خىتاينىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ يوقىتىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تەيۋەنگە ئوخشاش غەرب قىممەت قارىشىغا ئىگە دېموكراتىك بىر دۆلەت يوقىتىلسا، بۇنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمى ئۈچۈن زور پاجىئە بولىدىغانلىقى، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.