شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەت قانىلى «بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» نى بايان قىلدى
2022.01.19
شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى بولغان SRF نىڭ 1-قانىلى 15-يانۋار «يۇلتۇزلار ۋاقتى» پروگراممىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بېغىشلاپ «بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» دېگەن تېمىدا بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان. سۆھبەتكە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندىلى مەمەتكەرىم بىلەن گېرمانىيە بايرويېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پاۋلا شىرۆدې خانىم تەكلىپ قىلىنغان، ئەھمەد مىلاد ئەپەندى سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان.
«بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» ناملىق پروگراممىنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇلار ئاز سانلىق بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق كەمسىتىلىپ، قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ كەلمەكتە ۋە ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا سولانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قايغۇلۇق كەچۈرمىشلىرى سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى رەھىمسىز ھەرىكەت قوللانماقتا. ئۇلار داۋاملىق نازارەت قىلىنىدۇ، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە، كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قانچە يىللاردىن بۇيان غايىپ بولۇپ كەتتى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا ئۇلىشالمىدى. ‹ئۇيغۇر مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى› خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىلەن ئەيىبلىدى. بېيجىڭ بۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار نېمىشقا خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىق ئېتىقادى بۇنىڭدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟»
«بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» ناملىق بۇ پروگرامما ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق سۆھبەت تېمىسى قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە قەدەر كېڭىيىپ كەتكەن. سۆھبەتكە قاتناشقان شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندىلى مەمەتكەرىم ئەپەندى بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، سۆھبەتتە 1949-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گېرمانىيە بايرويېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور پاۋلا شىرۆدې خانىممۇ مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە تەشۋىق قىلىۋاتقان دىنىي سىياسىتىنىڭ كەڭرىلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان نۇرغۇنلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قامالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلامنى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدىن سىقىپ چىقىرىش، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنى زورلاپ تېڭىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» ناملىق بۇ پروگراممىنى كۆرگەن شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەبىبۇللاھ ئىزچى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ پروگراممىنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئال ۋەزىيىتىنى روشەن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، فىلىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى مەسىلەسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىننىڭ ھەقدا ئىگىسى بولغان بىر مىللەتنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنمەس ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» ناملىق 1 سائەتلىك بۇ پروگرامما 16-يانۋاردىن باشلاپ شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق گېرمان تىللىق مىللەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان.