شىۋېتسارىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7- ۋە 8-سېنتەبىردىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېتسارىيەنىڭ فېدېراتسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاينىڭ بېرندىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ شىتىڭنى چاقىرتىپ، ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.
شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان SRF نىڭ 8-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «شىۋېتسارىيە خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىتتى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شىۋېتسارىيە پرېزىدېنتى ئىگنازىيو كاسسىسنىڭ ئىشخانىسى 7-سېنتەبىر كۈنى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا «شىۋېتسارىيە شىنجاڭدىكى ئېتنىك ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراش ئەھۋالىدىن ئىنتايىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك تەدبىرلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش توغرىسىدا بېيجىڭ بىلەن تەنقىدىي ھەم قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ» دېگەن.
خەۋەرلەردە فېدېراتسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتقانلىقى توغرىسىدا «شىۋېتسارىيە پرېزىدېنتى ئىگنازىيو كاسسىسنىڭ ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ سۆزى» دەپ بايان قىلىنغان يوقۇرىقى بىر ئابزاستىن باشقا مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئەمما باچېلېت ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىپ ئارىدىن دەل بىر ھەپتە ئۆتكەندە، بېرن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر سەۋەبلىك خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىتىشى مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئاندېلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بىتەرەپ دۆلەت بولغان شىۋېتسارىيەنىڭ پارلامېنتىدا تۈرلۈك تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. ب د ت نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىۋېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمىمۇ ھەسسىلەپ ئارتىپ بارماقتا ئىكەن.
شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ھېبىبۇللاھ ئىزچى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئالدىنقى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شىۋېتسارىيەنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى بىرقانچە ئاۋازنىڭ كاملىشى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇنداقتىمۇ شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
9-ئاينىڭ 6-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ «مەركەز» گېزىتى ئېلان قىلغان «ئاندىرىيا گمۈر خىتايغا جازا تەدبىرى قوللانماقچى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار سەۋەبلىك خىتايغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان. پارلامېنت ئەزاسى ئادىرىيا گمۈر شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ شىۋېتسارىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى سىڭگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشىنى تەكىتلىگەن ۋە «شىۋېتسارىيە پارلامېنتى ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا جازا يۈرگۈزىشى لازىم» دېگەن.
شىۋېتسارىيەنىڭ «مەركەز» گېزىتى يەنە 7-سىنتەبىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار: شىۋېتسارىيە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى كۈرەش قىلىشى لازىم» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كېڭىسى قانۇن مەھكىمىسى پارلامېنت ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنى چەكلەش» كە دائىر بىر تەشەببۇسنى ماقۇللىغان.
شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە، مىشېل باچېلېت ئالدىنقى ھەپتە ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر دوكلاتتا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشكە، مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيەگە دۇچار بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.