شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نەبىجان ئەلا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئاكىسى ئابدۇخېلىل ئەلا ۋە قارامايدىكى بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ھەدىسى زۆھرەگۈل ئەلانىڭ 2018-يىلىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق قامالى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇچۇر ئېلىش قىيىنلاشقان شارائىتتا ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللاردا سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
نەبىجان ئەلا ئەپەندى ئاكىسى ۋە ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەر خىتاينىڭ تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتلەردە بولغىنى ئۈچۈن ھازىرچە بۇ تونۇشلىرىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئۆزى ياشاۋاتقان شىۋېتسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نەبىجان ئەپەندىدىن ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئالدى بۇ پاجىئەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يەنە ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈچۈن ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ۋە شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرىمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئابدۇخېلىل ئەلا بۇ يىل 52 ياشتا ئىكەن. ئىلگىرى مەزكۇر دوختۇرخانا يېنىدا يېمەك-ئىچمەك تاللا بازىرى ئاچقان، كېيىنچە سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن بىرقانچە قېتىم تۈرمىلەرگە قامالغان، 2013-يىلى قاچاق يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئەنۋەر چەبدەس ئەپەدىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دوختۇر ئابدۇخېلىل ئەلا ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
ئۇ دوختۇر ئابدۇخېلىل ئەپەندىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىغا كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر بىمارلىرىغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە غەمخورلۇقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر دوختۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەنۋەر چەبدەس ئەپەندى يەنە دوختۇر ئابدۇخېلىل ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇمانلىق كىشىلەر دەپ «چېكىت» ئۇرۇلغان ئۇيغۇر بىمارلارغا تۇتقۇن ئىنسانىي مۇئامىلىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
نەبىجان ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە بۇ ھەقتە خەلقئارادا گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ناتسىستلار مودېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بۇ لاگېرلارنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا تاقىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىش شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلقئارادا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00