شىۋېتسىيەدە دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتا ساۋاتلىرى بەردى

0:00 / 0:00

20-ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى «تېنىستا» كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان چىش دوختۇرى ئەمىر ئەختەم ئەپەندى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، سىياسىي پاناھلىق بىلەن ياۋروپاغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىدىغان داۋالىنىش، ساغلاملىق ۋە سۇغۇرتا مەسىلىلىرىدىكى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇ لېكسىيە شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ يېڭى بىر مۇھىتقا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر لېكسىيە بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بىر تېما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:

لېكسىيە بەرگۈچى دوختۇر ئەمىر ئەختەمنىڭ ئائىلىسى بۇندىن 34 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەمىر ئەختەم ئەپەندى بولسا شىۋېتسىيەدە چوڭ بولغان، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇتۇق قازانغان ياشلاردىندۇر. بۇ قېتىمقى لېكسىيە شىۋېت تىلىدا سۆزلەنگەن ۋە ئىككى سائەت داۋاملاشقان. ئۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ يېڭى بىر مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە دۇچ كېلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ لېكسىيە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئەپەندى ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭى كۆچمەنلەرگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتانىڭ ئاساسىي بىلىملىرى توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 20 ئاپرېل، شىۋېتسىيە.
دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئەپەندى ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭى كۆچمەنلەرگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتانىڭ ئاساسىي بىلىملىرى توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 20 ئاپرېل، شىۋېتسىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىن نەبىجان ئەلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدىكى بىر تۈر بولۇپ، گەرچە شىۋېتسىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ياۋروپادا ئەڭ ياخشى دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما تىل بىلمەسلىك، مەدەنىيەت، يېڭى مۇھىت ۋە قانۇن پەرقلىرى سەۋەبىدىن يېڭى كەلگەنلەر بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ شەكىلدىكى خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، كۆچمەنلەر بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە، شۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.

بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ قاتناشقان ۋە ياۋروپانىڭ داۋالاش ۋە سۇغۇرتا سىستېمىدىكى خەلق تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللار سوراشقان. بۇ لېكسىيەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ لېكسىيە ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى ھەل قىلىشقا ۋە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىدى دېيىشىپ، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق لېكسىيەلەر داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مۇھاجىرەتتە يېڭى مۇھىت، يېڭى دۆلەتتە بىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن يېتەكلەشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئېيتىشقان.

دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئەپەندى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭى كۆچمەنلەرگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتانىڭ ئاساسىي بىلىملىرى توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 20 ئاپرېل، شىۋېتسىيە.
دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئەپەندى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭى كۆچمەنلەرگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتانىڭ ئاساسىي بىلىملىرى توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 20 ئاپرېل، شىۋېتسىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

شىۋېتسىيەدە تەخمىنەن 3 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتكە ئۇيغۇرلار 1990-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان. ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى ۋە ناخشىچىسى، كومپوزىتور مەرھۇم كۈرەش كۈسەن بۇ دۆلەتكە دەسلەپتە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەگە دەپنە قىلىنغانىدى. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ يەرلەشكەن.