ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە بولۇش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 16-ماي كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ سىيۇرىخ شەھرىدە، سىيۇرخ شىتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەيدان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئەندىلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىللاردىن بېرى بۇ خىل پائالىيەتنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى شىۋېتسارىيەنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدا ئېلىپ بارغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ 4-قېتىملىقى ئىكەن. بۇ لېكسىيە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان چوڭ ھەجىمدىكى سۈرەتلىك ۋە سىنلىق دوكلات ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەندىلى ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۆت باسقۇچلۇق تونۇشتۇرۇشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى، خىتاي ئىشغالىدىن مۇستەملىكە تارىخىغىچە بولغان جەريانلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
لېكسىيەنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان قىسمى بولسا، زال ئىچىگە تىزىلغان شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇن بالىلار ۋە ياشلارنىڭ رەسىملىرى بولۇپ، ئەندىلى ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ بالىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تەڭ ياشتا ئىكەنلىكىنى، قولىدىكى تېلېفوننىڭ زەرەتلىگۈچىسى، ياكى ئۈستىدىكى ھەر قانداق بىرەر كىيىمىنىڭ مۇشۇ بالىلارنىڭ قولىدا ئىشلەنگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتقاندا، پۈتۈن زال سۈكۈناتقا چۆمگەن. ئەندىلى قاراخانلى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل لېكسىيەلەردىن تەسىرلەنگەن بەزى شىۋېتسارىيە ياشلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيە، ئىلمىي ماقالە يازغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئوبزورلار ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يەرلىك ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئەكىرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرلىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دېئاسپوراسىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىش بىرگە، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يېقىندا يەنە شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قايتا قاراپ چىقىشقا دەۋەت قىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلاتقان ئىدى، بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ ئىمزا قۇيۇشقان. ئەسلىدە ئىككى سائەتكە پىلانلانغان لېكسىيە تۆت سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە سوئاللار سوراشقان ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟» دېگەن تېمىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقان.