شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى: «ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشىمىزگە خىتاينىڭ ئۇلارغا تۇتقان سىياسىتى سەۋەب بولدى»
2019.03.29
يېقىندا شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە بىردەك پاناھلىق بېرىشنى قارار قىلغان. بىز ئۆتكەن قېتىمقى پروگراممىمىزدا شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئۆتكەن قېتىملىق پروگراممىمىزغا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.
بىز 28-مارت كۈنى ئاخىرى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قانۇن تارمىقىنىڭ دىرېكتورى دانىئېل گرىنفارب زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي پاناھلىق قارارىنىڭ شەرتلىرىنى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ئۇ، بۇ قارارنىڭ زۆرۈرىي بولغان مەجبۇرىي سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «توغرا، بۇ زۆرۈرلۈك خاراكتېرىگە ئىگە مەجبۇرىي سىياسەت. لېكىن بۇنىڭدا سىزنىڭ خىتاي گراژدانى بولۇشىڭىز، خىتاي گراژدانى بولۇپلا قالماي سىزنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇشىڭىز شەرت. ئەگەر سىز بۇ شەرتكە چۈشسىڭىز ۋە بۇ رايوندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەتكە مەنسۇپ بولسىڭىز، سىزنىڭ شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ».
دانىئېل گرېنفاربنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۆلەتلىرىنىڭ گراژدانى بولغان ئۇيغۇرلار كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىسە، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى شۇ شەخسنىڭ كەچۈرمىشى، شۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ شەخسكە تۇتقان مۇئامىلىسى قاتارلىق كونكرېت ئامىللارغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى داۋاملىق قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا چىقىرىلغان سىياسەتتىكى شەرتلەر ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، بىز خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى، سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان شەخسىي كەچمىشىنى ئاساس ئالىمىز».
شىۋېتسىيەدە ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇر بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟ دانىئېل گرېنفاربنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەس ئىكەن. ئۇ، «بىزدە ھازىر ئومۇمەن خىتايدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قانچە كىشىنىڭلا دېلوسى بار. شۇڭا، بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بەك ئاز. ھەر يىلى پەقەت بىر قىسىم كىشىنىڭلا ئىلتىماسى بىر تەرەپ قىلىنماقتا.»
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان، شۇنىڭدەك قالغان قىسمىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر مەزگىلدە يۇقىرى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. دانىئېل گرېنفارب بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى قارار قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇم بولغاندەك بۇ رايوندا سىياسەت ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى قۇرۇلدى. كىشىلەر بۇ لاگېرلارغا خالىغانچە قامالماقتا. بۇ رايوندىكى بەزى مىللەتلەر ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا ياشىيالماي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا مەجبۇرىي ئەكېتىلدى. مانا بۇ شىۋېتسىيە قانۇنىغا ئاساسەن بۇ مىللەتلەرگە سىياسىي پاناھلىق بېرىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەت 2019-يىلدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا بىردەك تەتبىقلىنىدىكەن. ئۇ: «مەيلى بۇرۇن كەلگەنلەر بولسۇن ياكى كېيىن كەلگەنلەر بولسۇن شىۋېتسىيەدىلا بولسا بۇ سىياسەتنى تەدبىقلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «بۇ سىياسەت ھازىر كۈچكە ئىگە بولدى. ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىمىز. ئەگەر ئۇيەرنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ قالسا، بىزنىڭ بۇ سىياسەتكە ئېھتىياجىمىز قالمايدۇ. لېكىن ئەگەر ئۇيەرنىڭ ۋەزىيىتى ھازىرقىدەك داۋاملاشسا سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ سىياسەت پەقەت شۋېتسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئۆتىدىكەن. ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ب د ت غا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ئۇيغۇرلارغا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، : «شۋېتسىيە سىياسىي پاناھلىق تىلەش قانۇنىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ دۆلەت چېگراسى ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز شۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇشىڭىز كېرەك. ھەتتا بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىزمۇ بولمايدۇ. سىز چوقۇم شۋېتسىيە چېگراسى ئىچىدە بۆلىشىڭىز كېرەك. بۇ ياۋروپادىكى پۈتۈن دۆلەتلەردە ئوخشاش. ئەگەر سىز سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز شۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى ئىچىدە بۆلىشىڭىز كېرەك».
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ياۋروپادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىۋېتسىيەنى ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ برۇكس خانىم 29-مارت كۈنى رادىئومىزدا پىكىر بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئۇچۇر يوق» دېيىشىگە ھېچقانداق سەۋەبى قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۋېتسىيە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىدە سىياسەت چىقارغان 2-ياۋروپا دۆلىتى. مېنىڭچە ھەر بىر ھۆكۈمەت ئىچكى قىسمىدا بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ‹يېتەرلىك ئۇچۇر يوق› دەپ جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارماسلىقىغا ھېچقانداق سەۋەب قالمىدى».
ساراھ برۇكسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ ئۆتكەن قېتىملىق يىغىنلىرىدا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ قىممەتلىك پۇرسەتلىرىنى قاچۇرۇپ قويغان. ئۇ، دۆلەتلەرنىڭ «سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ساراھ برۇكس مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قايىل قىلىشنىڭ قىممەتلىك پۇرسەتلىرىنى قاچۇرۇپ قويدى. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ ئاي جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىۋېتسىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سوئال سورىغان، خۇسۇسەن ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە سوئال قويغان ساناقلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرى. لېكىن سۆزدىن ھەرىكەت مىڭ ئەلا. شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۆزى ئۇلارنىڭ ب د ت دىكى ئىپادىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرىكىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ياردەمچى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز».
ياۋروپادا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقان تۇنجى دۆلەت گېرمانىيەدۇر. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقان. گېرمانىينىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا شۇ يىلى 4-ئايدا 21 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۇقۇشماي خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشى سەۋەب بولغان. بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىنمىغان ئىدى. گېرمانىيە يۇقىرى قارارنى چىقىرىپ ئارقىدىنلا شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى توختىتىپلا قالماي، يېقىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا بىردەك سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنى قوغداش ھەققىدىكى يۇقىرىقى ھۆججەتنى چۈشۈرگەن.