شىۋېتسىيەدىكى ياشلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوغداشنىڭ بىر ئۆرنىكىنى ياراتقان
2024.05.07
ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن باراۋەر ھالدا ئېغىر دەرىجىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، تەتقىقات دوكلاتلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بىر تېما ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىغا ئايلانغانلىقىغا دائىر قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. مۇشۇنداق بىر چاغدا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى «5-ماي دوپپا بايرىمى» كۈنىگە توغرىلاپ، مەخسۇس «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش» دەپ ئاتالغان يېڭى ھەم ئىجادىي بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئالقىشلىرىغا مۇيەسسەر بولغان.
شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا 5-ماي ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيۇشمىسى» ، «شىۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» بىرلىكتە تەشكىللىگەن. پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە، زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم «دوپپا مىللىي كىملىكىمىزنىڭ بىر بەلگىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردىن باشلاپ ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىگە تەۋە باش كىيىملىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى، نۇسخالىرى ۋە سىمۋوللۇق خاراكتېرلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بەرگەن. پائالىيەتكە كەلگەن ياشلار، بالىلار ۋە جامائەت ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە ئاساسلىق كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خاس ئىسىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدىكى جىنس ئايرىمىسى، ئىجتىمائىي سالاھىيەت ۋە رايون پەرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولغان.
مەركىزى سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيۇشمىسى» نىڭ خادىمى ماھىدە مۇختەر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قىرغىن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەت ئەلدە بولسىمۇ قوغداش ۋە ئۇيغۇر روھىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«شىۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» خادىمى ئەلىمۇ بۇ پائالىيەت ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجىدىن ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مىللىي كىملىكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش» پائالىيىتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە گۈزەل بىر خاتىرە قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى كەسپىي فوتوگراف كەۋسەر كۈرەش ئۈستىگە ئالغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار چەكمەن، نىمچە، جىلىتكە، كۆينەك قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ۋە تۈرلۈك دوپپا، تاج، كەمچەت تۇماق، رومال، زىبۇ-زىننەت قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان مىراسلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەت شىۋېتسىيەدە يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆپ خۇشال قىلغان.