شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىتاليانلار جايلاشقان شىتاتى تېسسىننىڭ لۇگانو شەھىرىدە 18-فېۋرال كۈنى «خىتايغا كەسكىن نەزەر» دېگەن تېمىدا چوڭ تىپتىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيەت باشلاندى. بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنى يەنى 18-فېۋرال، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى ئاساس قىلىنغان رەسىم كۆرگەزمىسى، فىلىم كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلگەن ھەمدە تۇتقۇندىكى ئەدىب ۋاھىتجان ئوسماننىڭ قىزى ئايقانات بىلەن كۈيئوغلى ئۆتكۈرنىڭ قاتنىشىشىدا مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېما قىلىنغان. بۇنىڭدا يەنە مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت نەق مەيداندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىنىڭ ئىتاليان رايونلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئالدىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تىبەت بايرىقى ئېسىلغان «ئاسىلو سىئانى» مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە، چوڭ سالونغا جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ بايانى، سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسى، بىناكارلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سىزىلغان «شىنجاڭنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى» دېگەن تېمىدىكى غۇلجادىكى بىر جازا لاگېرىنىڭ ئون نەچچە مېتىرلىق رەسىمى قويۇلغان ئىدى. بۇ رەسىمدە، جازا لاگېرىدىكى قىيىن-قىستاق، كۈندىلىك ھايات ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا سالوننى چۆرىدەپ شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى تىزىلغانىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان لۇگانودىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسىنىڭ باشلىقى گابرىئېللا گىيورى خانىم بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىتاينىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى بىلدۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان خىتاينىڭ ئەرزان تاۋارلىرىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىش. بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلسىمۇ ئەمما نۇرغۇنلىرى بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ باقمىغان، بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقچى بولدۇق».

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆيى، تىبەت ئۆيى، تەيۋەن، خوڭكوڭ ئۆيىدىن باشقا، جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغان قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم سالونىمۇ تەسىس قىلىنغان. چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەتتە چوڭ ئېكراندا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايانلىرى ۋە چەت ئەل ئاخباراتلىرىدىكى لاگېرلار تەسۋىرلەنگەن خەۋەر، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن ئىشلەنگەن يىگىرمە بەش مىنۇتلۇق مەخسۇس سىن فىلىمى قويۇلدى. كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولغان فىلىم سالونىدا يۈزلىگەن شىۋېيتسارىيەلىكلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن سۈكۈناتقا چۆمگەنىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، شىۋېيتسارىيەلىك ئادۋوكات، سابىق ھەربىي ئوفىتسېر، زۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سانكىت گاللېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا تىجارەت ھوقۇقى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور پاۋلا بېرناسكونىي ئەپەندىمۇ نەق مەيداندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن بىز بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى لۇگانودا ئېلىپ باردۇق؟ چۈنكى بۇ يەردىكى ئادەملەر ئويلايدۇكى خىتاي بىزدىن بەكمۇ يىراقتا، بىزگە نېمە بولماقچى؟ ئەمما بۇ خاتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى شىۋېيتسارىيە ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا چوڭ تەھلىكە. بىز بۇنى شىۋېيتسارىيە خەلقىگىمۇ بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. خىتاي شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىك پاناھلانغۇچىلارنى، ھەتتا شىۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنىمۇ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شىۋېتسارىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە مەكتەپلىرىدە ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە، قارشىلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۈگۈن دۇنيادىكى چوڭ تېما خاماس، ئىسرائىلىيە، پۇتىننىڭ قىرغىنچىلىقى، ئەمما ئەسلىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىنمۇ چوڭ تېما بولۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى خىتاي يىللاردىن بېرى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى قىرغىن قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ».
ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىن كەلگەن داڭلىق مۇزىكانت ۋە رەسسام پاۋ نۇبىئولا نىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان 141 تىبەتلىكنىڭ رەسىمىنى ئاساس قىلغان «جىمجىتلىقتىكى ئوت» تېمىسىدىكى مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىدى. پاۋ نۇبىئولا ئەپەندىمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز تىبەتلىكلەر ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ، بۇ رەسىملەرنى چېخىيە، ئىسپانىيە، ھىندىستانلاردا كۆرگەزمە قىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەقىقەتلەرنى پاش قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «مەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىم ئارقىلىق ئىسپانىيەدە ۋە دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى دۇنياغا تونۇتۇش، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش» دەيدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت 18-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسى ساھىبخانىلىق قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شىۋېيتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن.