ستوكھولمدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

31-ئاۋغۇست كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى «مەدەنىيەت سارىيى» دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا قامالغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار ھەققىدە ئوچۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر ئوچۇق يىغىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قانچە ئايلىق جاپالىق تەييارلىقلىرى نەتىجىسىدە ئېچىلغان. يىغىنغا شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان دىپلومات، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى توماس ھاممېربېرگ، ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولۇگ ماگنۇس فىسكەسيۆ، شىۋېتسىيە گوسېنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فرېدرىك فولمان، شىۋېتسىيە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپىنىڭ دوكتورانتى پاترىك خەلزون، شىۋېتسىيە دىنىي جەمئىيىتى ئارخىپخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى كاتارىنا تۇرېل، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى ئەركىن سىدىق، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ئالاھىدە مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان ھەم مەخسۇس تېمىلاردا سۆز قىلغان.

يىغىن باشلىنىشى بىلەن نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلارنىڭ ئىچ يۈزى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «2017-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى مەجبۇرلاپ لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارغا تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارنى يۈرگۈزۈپ، بېسىم قىلىشقا باشلىدى. لاگېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارغا كۈندە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى يادلىتىپ، ئۇلارغا: ‹كومپارتىيە ماڭا ھاياتلىق بەردى، كومپارتىيە ماڭا بەخت-سائادەت بەردى، مەن جۇڭگولۇق، مەن جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، › دېگەن سۆزلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا دېيىشكە ۋە قەسەم بېرىشكە مەجبۇرلىدى.»

يىغىندا شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان دىپلومات، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى توماس ھاممېربېرگ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەمدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرىغا خەيرخاھلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولۇگ ماگنۇس فىسكەسيۆ مۇنداق دېگەن: «ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولماقتا. سىلەرگىمۇ مەلۇم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى بېزەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلار بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چەتئەللەردىن مەخسۇس ئۆمەكلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرى ئالدىن-ئالا تەييارلىغان ۋە تۇتقۇنلارنى ئوقۇغۇچى قىياپىتىدە ياسىغان شۇنداقلا ئۇلارغا نېمىلەرنى دېيىش ۋە نېمىلەرنى دېمەسلىك ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇردى. ئاندىن مۇخبىرلارغا: ‹مانا، سىلەر غەرب تاراتقۇلىرىدا ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› دەپ ئاڭلىغان ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسى. مانا بۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال-خۇرام ھاياتى،» دەپ كۆرسەتتى.

شىۋېتسىيەدىكى گوسېنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى فرېدرىك فولمانمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دېگەنلەرنى تەسىس قىلىشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ‹بىلىمسىز، قالاق، خۇراپىي ۋە كاللىسى دىنىي ئاشقۇن ئىدىيەلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر› دېمەكتە. ئۇلار يەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ‹تەربىيە› گە ئېھتىياجلىق دەۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە قاماش ۋە ‹تەربىيەلەش› ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مەن بىلىدىغان ۋە تونۇيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەن، ھەتتا بەزىلىرى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغىچە ئوقۇغان كىشىلەردۇر. خىتاي تەشۋىقاتلىرى ئىزچىل تۈردە سىرتقا قارىتا ئۇيغۇر مىللىتى ‹ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق› دېگەننى داۋراڭ قىلىپ، پۈتۈن بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىنى رومانتىكىلاشتۇرۇپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى، بۇ رومانتىكىلاشتۇرۇلغان مىللەتنىڭ ئوبرازىنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ زىيالىيلار قاتلىمى، سەرخىللەر توپى ۋە ھەر ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملىرىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتى› بىلەن ئېرىتىپ، ئۆز سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلماي كەلدى. بۇ ھال خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت زوراۋانلىقىغا يول ئاچتى.»

بۇ قېتىملىق يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تۇرغۇن نىجات، ئابدۇللا كۆكيار قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەر قىلىنغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لاگېرلار ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىق سۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.