مۇزىكىنىڭ چېگراسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ئېستېتىك زوق بېرىپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ روھىنى تەڭشەش، ئىلھام بېرىش ھەتتا داۋالاشتەك خاسىيەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى بارلىقى ھەممىگە ئايان بولسا كېرەك. 27-ئىيۇن ئاۋسترالىيەدىن خەلقئاراغا تارقىتىلىدىغان ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان SBS نىڭ بىلدۈرگەن خەۋىرىدە ئاۋسترالىيە سەنئەت مەركىزىنىڭ ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان مۇزىكانت ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ئېغىر يۇقۇم تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، ئىنسانلارغا روھىي ئوزۇق بەخش ئېتىپ، قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئىلھام بېرىپ، جەمئىيەتتە ئالاھىدە رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ خەۋەردە مەخسۇس بىر مىليوندىن ئارتۇق لاگېرلارغا قامالغان مىللەتنىڭ بىر قىسمى بولغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ مۇقام ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىشقا رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نى «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» دەك چوڭ سەھنىلەردىمۇ كۆرسەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
SBS نىڭ 27-ئىيۇندىكى پروگراممىسىدا «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋال» نىڭ دىرېكتورى رىچارد پىتكۇۋىچمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، گەرچە ھازىرقىدەك ئالاھىدە مەزگىلدە سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئويۇنلىرى توختىتىلىپ، سەنئەتكارلار نۇرغۇن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاممىغا ئويۇن قويۇشنى ۋە ئۇلارغا مۇزىكا ئارقىلىق ئىلھام بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە مۇقام ۋارىسى شۆھرەت تۇرسۇن ھازىر ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭمۇ ھەر خىل مىللەتلەر جۇغلانغان بۇ دۆلەتتىكى سەنئەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ، بارغانچە مۇقامنى زوقلىنىپ ئاڭلايدىغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇقامنىڭ ئىنسانلارغا گۈزەل ئېستېتىك زوق بېرىپلا قالماي ئۇنىڭ يەنە ۋابا تەسىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ روھىي ئازابلىرىغا مەلھەم بولالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
شۆھرەت ئەپەندى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق مۇقەددەس بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى سۈپىتىدە پەخىرلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ يالغۇز ئاۋسترالىيەدىلا ئەمەس بەلكى ئۆزى ئاۋسترالىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان پەيتلىرىدىمۇ ياپونلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مەخسۇس ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن مۇقام ئورۇنداشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىدەك بىر قىزىقارلىق تەجرىبىسىنى مىسال ئېلىپ سۆزلەپ بەردى.
شۆھرەت ئەپەندى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتى سەۋەبلىك روھىيىتى ئېغىر زەخىملەنگەن، چۈشكۈنلەشكەن پەيتلەردىمۇ مۇزىكىنى تاشلىمىغان ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتنى «ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» خاھىشى كۈچلۈك دېگەن باھانىدە قاتتىق كونترول ۋە نازارەت قىلىپ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن مۇزىكانتلار، ناخشىچى ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە ھەتتا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بىر مەزگىلدە «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر راك مۇقامىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بۇلتۇر ئاۋسترالىيە مۇقام ئانسامبىلىنى تەشكىللەپ، ئاۋسترالىيە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان ۋە تەسەللى بەرگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تونۇتقان شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋەرسە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى خىتاب قىلغانىدى.
شۆھرەت تۇرسۇن نۆۋەتتىكىدەك پۈتۈن يەرشارىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار خىتايدىن تارالغان ۋابا سەۋەبلىك تۇرمۇش رىتىمى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، ئوخشىمىغان روھىي توسالغۇ، چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابلارغا دۇچار بولغان پەيتتىمۇ، سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارغا ئۆزنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىشىچە ياخشى ئېنېرگىيە تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەھنىلەردە ۋە ئىنتېرنېتتا يارىتىلغان سەھنىلەردە توختىماي ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئورۇنداپ ۋە تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00