12-يانۋار شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيەدىكى قېرىنداشلىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان.
ئاخىرقى ئايلاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق تەشۋىقات قوراللىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قارىلاشنى كۈچەيتمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. 12-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ميۇنخېندىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرى جامائەت سورۇنىدا د ئۇ ق رەئىسىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، 12-يانۋار كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نۇرمەمەت ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ غۇلجادا قازا قىلغان ئاپىسىنىڭ روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولغان. بۇ سورۇنغا چاقىرىلمىغان مېھمانلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ميۇنخېندا ياشاۋاتقان سىڭلىسى مېھرىبان زاكىر ۋە ئۇنىڭ يولدىشى غالىپمۇ داخىل بولغان.
سورۇندىن تارايدىغان ۋاقىتتا شۆھرەت زاكىرنىڭ سىڭلىسى مېھرىبان زاكىر دولقۇن ئەيسانىڭ ئالدىنى توسۇپ: «سەن شۆھرەت زاكىرنى تىلغا ئالغۇچى بولما، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالغۇچى بولما، شۆھرەت زاكىرنى ‹خائىن› دېگۈچى بولما، سەن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى ئويلاپ قوي!» دېگەن. دولقۇن ئەيسا ئۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇشى ھامان مېھرىبان زاكىرنىڭ يولدىشى غالىپ زاكىر ئېتىلىپ كېلىپ، دولقۇن ئەيسانى ئۇرماقچى بولغان. جامائەت دەرھال ئارىغا چۈشۈپ ئاجرىتىۋالغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ۋەقە توغرىسىدا توختالغاندا خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملىرىغا ئىدىيەسىدە تەييارلىق بارلىقى، لېكىن شۆھرەت زاكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاممىۋى بىر سورۇندا ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ توغرىسىدا مېھرىبان زاكىر ۋە ئۇنىڭ يولدىشى غالىپنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن مۇمكىن بولمىدى.
بۇ ۋەقە ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەم ھەيران قالدۇرغان ھەم غەزەپلەندۈرگەن. نەق مەيدان شاھىتلىرىدىن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «بۇ ھۇجۇم يالغۇز دولقۇن ئەيساغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىنغان ھۇجۇم» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا شۆھرەت زاكىرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ بۇ سورۇنغا مەقسەتلىك كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز مىللىتىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان شۆھرەت زاكىردەك بىرىنى ئاقلاشقا جۈرئەت قىلىشىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ميۇنخېندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شۆھرەت زاكىرنىڭ زۇلپىيە زاكىر، مېھرىبان زاكىر قاتارلىق سىڭىللىرى ياشاۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 2010-يىللىرى زۇلپىيە زاكىر ئۈرۈمچىگە بېرىپ سەھنىلەردە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنى ئارىسىدىن سىقىپ چىقارغان ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن. ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغانلىقنىڭ سەۋەبىنى دولقۇن ئەيسادىن كۆرگەن بۇ جەمەت كىشىلىرى ئىچىدە غۇم ساقلاپ كەلگەن. نېمىلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناشتا بىۋاسىتە رول ئېلىۋاتقان، ئۇيغۇر مىللىتىگە سېلىنىۋاتقان بارلىق زۇلۇملارغا ئەڭ چوڭ شېرىك ھەم قورال بولۇۋاتقان قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ‹ۋەتەن خائىنى، مىللىي مۇناپىق› ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم ھېچقانداق قىلىپمۇ ئاقلىيالمايدىكەن. بۇ قاراشنى تەكىتلىگەن دىنىي زات ئابدۇجېلىل ئەپەندى بۇ ھۇجۇمنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم بولغانلىقىنى، بۇنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مېھرىبان زاكىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان شۆھرەت زاكىرنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەجەبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن چېگرا ئايرىشنى بىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00