شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېر ھەققىدىكى باياناتى تېخىمۇ كۈچلۈك قارشى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.12.09
shohret-zakir-uyghur-qanun-bill.jpg خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاخبارات يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تەستىقلىغانلىقىنى تەنقىدلىمەكتە. 2019-يىلى 9-دېكابىر، بېيجىڭ.
AP

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى لايىھە» سىنى ئاۋازغا قويۇپ، 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ بىر ھەپتە بولماي، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى شۆھرەت زاكىر «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ باياناتى خىتاي ئىچى-تېشىدىكى ئاساسلىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور قارشى ئىنكاسلارنىڭ، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاۋازىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

سۆزىنى غەرب ئەللىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئەيىبلەش بىلەن باشلىغان شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشىلەر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش غەرىزىدىكىلەر قەستىنى ھەرگىز ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، ئامېركانىڭ تۆھمەت ۋە قارا سۈركىشى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ، يېقىندا بىر قىسىم مەتبۇتلار قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكىلەر ھەتتا ئىككى مىليونغا يېتىدۇ دەپتۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئىغۋا، ھېچقانداق ئاساسى يوق، نۆۋەتتە ‹3نى ئۆگىنىپ، بىرنى يوقىتىش» ئۈچۈن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش ساپاسى يۇقىرىقى كۆتۈرۈلدى. بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى».

بۇ شۆھرەت زاكىرنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر كۈنى بېلەت تاشلاپ، مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم رەسمىي يوسۇندا لاگېرلارنى ئاقلاشقا تىرىشىشى. شۆھرەت زاكىر 3-دېكابىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مېخانىزمى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن-نىزاملىرى ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» قۇرۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە بىر قىسىم غەرب مەملىكەتلىرىنى «تۆھمەت قىلىش ۋە قارا سۈركەش بىلەن شۇغۇللانماقتا» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قايتىدىن قارشى ئىنكاسىنى قوزغىدى. دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتى قايتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بۇ نازۇك پەيتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئەگەر شۆھرەت زاكىر دېگەندەك لاگېردىكىلەر ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن بولسا مېنىڭ قېرىنداشلىرىممۇ قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلاردىن خەۋەر يوق» دېدى. دولقۇن ئەيسا: «شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ باياناتى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋە ياكى ئاخىرقى قېتىملىق ئالدامچىلىقىمۇ ئەمەس. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، لاگېرلارغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بىلەن پۈتۈن ئۇنىڭ يالغانچىلىقلىرى پاش بولۇۋاتقان، ئارقىدىن ئامېرىكادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئىشقا ئېشىش ئالدىدا تۇرغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارغانچە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرىۋاتقانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتتە نەقەدەر ئالاقزادە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى شۇنىڭدەك دۇنيا جامەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مۇشۇنداق نازۇك بىر باسقۇچتا تۇرغاندا خىتاينىڭ بۇ خىل كۈز بويامچىلىقلىرىغا سەگەك بولۇشقا چاقىردى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئىنكاسلىرىغا ئۇچراپلا قالماي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفې رىچاردسۇن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى بۇ باياناتمۇ خۇددى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە قىلغان باشقا باياناتلىرىغا ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى’ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئەركىن ئالاقە باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانغا، ئەندىشىسىز ھالدا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغانغا قەدەر بىز خىتايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارەتچىلىكىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز».

بۇ يەنە شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېرنى تىلغا ئېلىپ بەرگەن تۇنجى باياناتىمۇ ئەمەس، بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 30-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر «ئۆتكەن ئىككى يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەربىيەلەشكە قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەمئىيەتكە قايتىپ كەلدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى» دېگەن ئىدى. رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خوتەن، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە لاگېرلاردىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 90 پىرسەنت كىشى «تەربىيەلەش» تىن قويۇۋېتىلدى دېگەن سۆزلىرىنىڭ ساختىلىقىنى دەلىللىگەنىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك سالامەتلىكى ناچارلاشقان ۋە ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان ياكى ياشانغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى پايدىلىنىش قىممىتى يوق دەپ ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشلىغان «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!» ناملىق تور ھەرىكىتى زور قوللاشقا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەھرام ئۆزىنىڭ دادىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سەپسەتىسىگە قارشى توردا «خەشتەگ تېخىچە خەۋەر يوق!» ناملىق يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت باشلىغانىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەرۋەقە خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى كۆز بوياش تاكتىكىسىمۇ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمىدى. ئەكسىچە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىمالال سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقىنى ئاكتىپ پاش قىلىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېڭىدىن باشلانغان «خەشتەگ تېخىچە خەۋەر يوق!» ھەرىكىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.