بىر قىسىم سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «ھېيتلاپ كەلگەن» خىتاي «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ زوراۋانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

0:00 / 0:00

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى. ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۈزلۈكسىز تارقىلىۋاتقان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولغان، ئاتالمىش خىتاي «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ھېيتلىق داستىخاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادىتىگە يات بولغان تۈرلۈك ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى، ھەتتا زومىگەرلىكى ئەكس-ئەتكەن سىن فىلىملىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۈزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىماقتا.

بۇ خىل سىن فىلىملىرىنى مەخسۇس توپلىغان ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنىپ، ھېيت ئاياقلاشقاندىن كېيىنمۇ خىتايچە تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە ئۈزلۈكسىز يوللىنىۋاتقان بۇ سىن فىلىملىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە چەككەن.

زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتايچە ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بۇ سىن فىلىملىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىغا خىتايچە «قۇربان ھېيتتا مېھماندوست ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈش» دېگەندەك تېمىلار قويۇلغان.

بۇ سىن فىلىملىرىگە خىتايچە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاپلارمۇ يوللانغان. ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بېرىلگەن جاۋابلاردا «پۈتۈن جۇڭگو بويىچە شىنجاڭ ئەڭ بىخەتەر جاي»، «شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، ۋەزىيەت مۇقىم» دىگەندەك سۆزلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان ئاتالمىش «خىتاي قوشماق تۇغقانلار» ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بۇ قەدەر كۆپ تارقىلىشىغا، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان، دىيىشكە بولىدىكەن.

بۇ سىن فىلىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولغان ئاتالمىش «خىتاي قوشماق تۇغقانلار» ۋە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ھەر خىل ئەدەپسىز كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتكەن.

مەزكۇر سىن فىلىملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىكى ھېيتلىق داستىخانلاردا بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئەر-ئايال خىتايلارنىڭ بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھېيتلىق ساڭزىلار ۋە قۇربانلىق ئۈچۈن سويۇلغان قوي گۆشلىرىنى يەۋاتقانلىقى، ئۆي ئىگىسىنى ھاراققا زورلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايرىمى قۇربان ھېيتتا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق داستىخانىدا قىلىۋاتقان ئەدەپسىز قىلمىشلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھاقارەتلىك مۇئامىلىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە مەزكۇر سىن فىلىملىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ كەلگەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە ئۆي ئىگىسىگە ھاراق زورلىغانلىقى، ھەتتا ئەرلىرى يوق ئۆيلەرگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھاراق ئىچىشكە قىستىغانلىقى، نارىسىدە قىزلارنى ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ خىتايلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىلىملارنىڭ بەزىلىرىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق داستىخاندا مېھمان بولۇپ، ھاراق ئىچىپ خۇدىنى يوقاتقان خىتاي ئەرلىرىنىڭ كېچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتكەن.

بۇ سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ بەزىلىرىدە بولسا يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە ھاياسىزلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانلىق تاۋار يوتقان-كۆرپىلىرىنى يېپىنىپ، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن بىر سۇپىدا ياتقان خىتاي ئەر-ئاياللىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

قەلبىنۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدىغان ئاتالمىش «خىتاي قوشماق تۇغقانلار» سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار ئارىسىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز ماجرالارنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر سىن فىلىملىرىنى توپلىغان زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا «ئۇيغۇرلار بەختلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاق» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن يوللانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي ھاقارەتلەرنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.

زۇمرەت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ئەكس ئەتكەن بۇ خىلدىكى سىن فىلىملىرىنى خىتاينىڭ تور ساقچىلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى توردىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىشقا تىرىشىدىكەن.

ئۇ خىتايچە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ئەكس ئەتكەن بۇ خىل سىن فىلىملىرىنى كۆچۈرۈپ، فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق خىتايچە ئالاقە مۇنبەرلىرىگە كىرىشى چەكلىنىدىكەن. ھەتتا خىتاي تور ساقچىلىرى ۋە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق تېلېفونى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان ئىكەن.