قەيسەر مىجىت: «بىز ‹كاپىتالىستلار ئۆز بوينىغا سېلىنىدىغان سىرتماقنى دۈشمىنىگە ئۆزى سېتىپ بېرىدۇ› دېگەن سۆزنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسىنى كۆرۈۋاتىمىز»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە چېتىشلىقى بارلىقى دەلىللەنگەن خىتاينىڭ 14 شىركىتىگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىندا ئاقساراي يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى توسۇشتا «قىلچە ئىككىلەنمەيمىز» دەپ جاكارلىغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي نېفىت شىركىتى، ئالەم قاتنىشى شىركىتى ۋە تېلېگراف گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. ھەتتا بەزى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى داڭلىق مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىدىن ئاۋانگارد (Vanguard)، سىتەيت سترىت (State Street)ۋە بلەك روك(BlackRock) قا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر خىتايغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى (SEC) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئاۋانگارت شىركىتى 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتكەن. ئۇلارنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ قىممىتى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىدا 150 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋانگارد شىركىتىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۆت شىركەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شىركەت يىللىق دوكلاتىدا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش»، «يۆتكەلگەن ئىشچىلارنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش» ۋە 2000 گە يېقىن ئادەمنى «كەسپىي تەربىيەلەش» بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن ماختانغان.

رادىيومىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىقراق ئۇچۇرغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئاۋانگارد شىركىتى بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشتۇق. ئۇلارنىڭ شىركىتىگە قىلغان تېلېفۇنلىرىمىز پەقەت ئاپتوماتىك سىستېمىغا ئۇلاندى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە يازغان ئېلىخەتلىرىمىزگە جاۋاپ قايتۇرمىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىركەت ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تۆھپە قوشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەن بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قايرىپ قويماستىن، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ خىل ھۇشيارلىق خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

«ۋول-سىترېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى بەزى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلىتىشتىن توختاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قويغان چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ھەقىقەتەن بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىقىنقى بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختا، پەمىدۇر ۋە پولىسىلىكون (كۆك تاش) نى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى تاشقىي مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جون سىمىس يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتايغا قارىتا يەنە قوشۇمچە جازا تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇپ، يەر شارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 26-ماي ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك ئامېرىكالىقلار ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈزۈمىنى قوللاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ۋول-سترىت كوچىسىدىكى ئىقتىساد ئايلانمىسى ئۇلارنى ئاشۇ يولغا باشلاپ قويىدۇ.»

قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۈچ چوڭ شىركەت خىتاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى داۋام قىلغان. ئىقتىسادشۇناسلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سالغان مەبلىغىنى «جاۋابكارلىق» قا ئايلىنىدۇ، دېيىشمەكتە. چۈنكى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئايدا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ھەر قانداق شىركەتنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابكارلىقى تەكشۈرۈلىدىكەن.

قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستلارنىڭ رەھبىرى لېنىن ‹كاپىتالىستلار ئۆزىنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان سىرتماقنى دۈشمىنىگە ئۆزى سېتىپ بېرىدۇ› دېگەن ئىكەن. بىز ھازىر نەق شۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسىنى كۆرۈۋاتىمىز.»