ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن ئىجرائاتى ساھەسىدە ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان غەيرىي نورماللىقلار ئارىسىدا سوتسىز ھۆكۈملەر ۋە مەخپىي سوتلار خەلقئارادا دىققەت تارتىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئەنە شۇ مەخپىي ئېچىلغان سوتلاردىكى ھۆكۈمنىڭ مەھبۇس ئائىلىسىگە پەقەت ئېغىزاكى ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى؛ رەسمىي، يازما ھۆكۈمنامىنىڭ بولسا، مەھبۇس ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خوتەن ۋىلايەتلىك قانۇن ئەدلىيە مەركىزىنىڭ خادىمى، مەھبۇس ئائىلىلىرى تاپشۇرىدىغان ئىشتىراپ(جازا تۆلىمى) مىقدارىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىدە بارلىقى، ئەمما كۆپىنچە ھۆكۈمنامىلەر، مەھبۇس ئائىلىلىرىگە بېرىلمىگەن بولغاچقا، ئائىلىلەر ئىشتىراپ مىقدارىنى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئالاقىدار سوتچىدىن سورىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ قانداق مەھبۇسلارنىڭ سوت ھۆكمىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
تورلاردىكى خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئالاقىدار ماتېرىياللاردا، سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ جاۋابكارغا، جاۋابكارنىڭ ئادۋوكاتىغا ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىغا بېرىلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان. خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، مەھبۇس ئائىلىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۆلەيدىغان ئىشتىراپ مىقدارىنى نەدىن ۋە قانداق بىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش داۋامىدا، سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ جاۋابكارنىڭ ئۆزىگىلا بېرىلىدىغانلىقى، ئەمما مەھبۇس ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سوت ئېچىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار خادىملار مەھبۇس ئائىلىلىرىگە ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈنلا سوت ھۆكمىنىڭ مەزمۇنىنى ئېغىزاكى يەتكۈزىدىكەن.
مەزكۇر خادىممۇ سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ھەقسىز جازالانغان مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ھۆكۈمنامىنى كۆرگەندىن كېيىن غەزەپلىنىپ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمنامىنى ئائىلىلەردىن يوشۇرغان؛ 2017 دىكى چوڭ تۇتقۇندا جازالانغان كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشىمۇ، ھۆكۈمنامىنى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈش ئەمەس، ھەتتا سوت ئېچىشقىمۇ ۋاقىت يېتىشمىگەن.
بىز ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇچتۇرپاندىكى مەلۇم بىر مەھبۇسقا قويۇلغان ئىشتىراپ مىقدارىنى سورىدۇق. سوت خادىمى بۇ ئۇچۇرنىڭ ھۆكۈمنامىدە بارلىقى ۋە ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا مەزكۇر مەھبۇسنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن مەھبۇس ئىكەنلىكىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ قولىدا ھۆكۈمنامە يوقلۇقىنى - ھۆكۈمنامە بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا، «ھە ئەمدى چۈشەندىم، ئۇنداقتا بۇ ھېلىقىدەك دېلو ئىكەن» دېيىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم سوت ھۆكۈمنامىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. ئۇ يەنە ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئەمما بۇ خادىم، قانداق بىر زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك، ھۆكۈمنامىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى ۋە بۇنىڭ سەزگۈر تېما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، ھۆكۈمنامىنىڭ مەھبۇس ئائىلىسىگە بېرىلمەسلىكىدە «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» ئامىلىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەھبۇس ئائىلىسىگە بېرىلگەن ھۆكۈمنامىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاچقا، ئائىلىلەر دېلودىن تولۇق خەۋەر تېپىش ھەققىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلانغان سوت ھۆكۈمنامىلىرىگە مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى تولدۇرۇلۇپ ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە سوت ئېچىلمىغانلىقى مەلۇم بولغان. لاگېر شاھىتلىرى، ساقچىلارنىڭ لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارغا سوت ئاچماستىنلا، قولىغا سوت ھۆكمىنى تۇتقۇزغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.