كانادا پارلامېنتىنىڭ پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە بىردەك ئاۋاز بىلەن قارارنامە ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر بولمىغان دۆلەتلەردىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشىنى، پاناھلىق بېرىشتە كانادانىڭ مەۋجۇت بەلگىلىمىلىرىدىكى رەسمىيەتلەرنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان. قارارنامىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتىدىن بەھرىمان قىلىشى، يول گۇۋاھنامىسى، بىئومېترىك تەكشۈرۈش، ب د ت غا تىزىملىتىپ، مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى تەلەپ قىلىشنى قىسقارتىش ياكى ئاددىلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قارارنامىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. كانادا پارلامېنتىنىڭ كۇبەك گۇرۇپپىسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، قوشۇمچە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ ( Alexis Brunelle Duceppe) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قارارنامە، پارلامېنتنىڭ پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشىدا ماقۇللانغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپنى سۆھبەت پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.
مۇخبىر: دۇسەپ ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىسدا پارلامېنتنىڭ پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىغا قارار لايىھەسى سۇندىڭىز، مەزكۇر قارار لايىھەسى كومىتېتتا بىردەك ئاۋاز بىلەن مۇقۇللاندى. ئەمدى ھۆكۈمەتتىن نېمىلەرنى كۈتىسى؟
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ: «ھۆكۈمەتنىڭ، بولۇپمۇ سۇنۇلغان قارارنامىگە جاۋاپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم قەدەم. بىز ھۆكۈمەتنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىمىز. بىزنىڭ 30 كۈن ۋاقتىمىز بار. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتنىڭ بىز ماقۇللىغان قارارنامىغا قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن. ياخشى بولغىنى قارارنامىنى كومىتېتتىكى بارلىق ئەزالار بىردەك ئاۋاز بىلەن قوللىدى. ھەتتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىشى ياخشى بىر بىشارەت، لېكىن بىز ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. ئاندىن بىز بۇ قارانامىنى ئاۋام پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋازغا قويىمىز.
مۇخبىر: بۇ قارارنامىنى كومىتېتتىكى ھەممە پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى، ھۆكۈمەتكە قارىتا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنالمۇ-قانداق؟
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ: «دەل شۇنداق، مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىكتاتۇر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ھازىرمۇ ئىزچىل ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. شۇڭا بىز سايلانغان كىشىلەر بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ دەل قارارنامىنىڭ ئېيتماقچى بولغىنىدۇر. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن، ئەلۋەتتە، بۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىراق ئەمدى باشقا قەدەملەرنىمۇ بېسىش كېرەك.»
مۇخبىر: سىز سۇنغان قارارنامىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ باقامسىز؟ ئۇنىڭدا قانداق مەزمۇنلار بار؟
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ: «بىز قارارنامىدا ئالاھىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ بەھرىمان بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ خىل ئالاھىدە تەدبىرلەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە بىئومېترىك ئۇچۇر توپلاش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، پاسپورتى يوقلارنى ۋاقىتلىق گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلەش، تاق يۆنىلىشلىك يول گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى يوق، شۇڭا بۇلارنى تەلەپ قىلدۇق. بىز ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە تۇرۇشلۇق تۇتقۇن قىلىنىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ كاناداغا مۇساپىر بولۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز يەنە ب د ت نىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېكىتىش جەريانىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى شۇنداق بولغاندا، بىز بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.»
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارارنامىنىڭ كومىتېتتا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى ئۇلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇتۇقى ئىكەن.
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ مۇنداق دېدى: «كومىتېت ھۆكۈمەتنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ئەتراپلىق يازما جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم قارارنامە بولۇپ، بۇ بىزنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتۇقىدۇر. مېنىڭچە، بۇ كانادانىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىزتىراپ چېكىۋاتقان بۇ كىشىلەرنى ماكان بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر نۇقتا، مەن تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، قارارنامە بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانچقا، بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشتا ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقىمىزنىنىڭ بىرسىگنالى.»
مۇخبىر: كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈچىنچى دۆلەتتە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بەرمەسلىكى، ئۇلارنىڭ كاناداغا كېلەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى نېمىلەردىن كۆرىسىز؟
ئالېكسىس برۇبېل دۇسەپ: «مېنىڭچە، بۇ يەردىكى مەسلە گېئو-سىياسىي مەسىلە. بىز خىتاي بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىغاندىن تارتىپلا بۇ بىر چوڭ مەسىلىسگە ئايلاندى. بۇ باشقا دۆلەتتىن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بىزمۇ يولۇقىۋاتىمىز. بەزىدە سىياسەتچىلەر جاسارەت كۆرسىتەلمەيدۇ. بىز بۇنى (ئۆتكەن يىلى) ئاۋام پالاتاسىدا ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارار لايىھەسى› نى ئاۋازغا قويغاندا كۆردۇق. بۇ قارارنامە بىردە ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولسىمۇ، بىراق مىنىستىرلار ۋە باش مىنىستىر ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. مېنىڭچە، بۇنىڭغا ئۇلاردا جاسارەتنىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولغان. يەنە كېلىپ بۇ دۆلەت خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر باشقا بىر دۆلەت بولغان بولسا، ئۇلار ئاۋاز بېرەتتى. مېنىڭچە، ھازىرقى ئاساسلىق مەسىلە، بۇ ئىشلار بىز خىتاي بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ.»
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارىتا ھېچقانداق پوزىتسىيەدە بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۇ قارارنامە ھۆكۈمەتنى بۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن. ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قارارنامىدىكى ئۈڭ چوڭ نۇقتا، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان، چۈنكى بۇ قارارنامە ھۆكۈمەتنىڭ يازما جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا بىز بۇ قارارنامىگە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابىنى ئالىمىز. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقى ۋە ھەركىتىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مېنىڭچە، بۇ بىزنىڭ چوڭ ئۇتۇقىمىز. چۈنكى ھۆكۈمەت باشتىن تارتىپ ھېچقانداق ئىش قىلمىدى، ھېچقانداق پوزىتسىيەدە بولۇپ باقمىدى. بىراق ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار بولدى. شۇڭا بۇنى ناھايىتى چوڭ ئۇتۇق، دەپ قارايمەن.»
مۇخبىر: سىز سۇنغان بۇ قارارنامىدىن خىتاي بەك بىئارام بولۇشى مۇمكىن. سىز خىتاي كومپارتىيەسى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قارارنامە سەۋەبلىك سىزدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ: «مەن ‹بىزگە نېمە ئىش بولار› دەپ سىياسەت قىلمايمەن. بۇ ناھايىتى ئاددىي، بىز توغرا ئىشنى قىلىشمىز كېرەك. سىز ۋەزىيەتكە قاراپ قايسى ئىش ياخشى، قايسى ئىش يامان، دەپ بېكىتىشىڭىز كېرەك. ياخشى ئىش دەل بىز ھازىر قىلغان ئىشتۇر. مەن خىتاي تەرىپىدىن جازالانغان، مەن خىتانىڭ قارا تىزىملىكىدە، شۇڭا خىتايغا كىرەلمەيمەن. ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بىراق مېنىڭ كارىم يوق. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلار بار. بۇ قارارنامە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى توسالغۇلارنى يېڭىپ كاناداغا كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
ئالېكسىس برۇنېل دۇسەپ: «بۇ قارارنامە دۇنياغا شۇ ئوخشاش سېگنالنى بېرىدۇ، يەنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پاناھلىق ماكانى بار. بۇنىڭدىن باشقا كانادادا ھەرقانداق بىر سىياسىي شەخسنىڭ بۇ ھۆكۈمەت تەرەپتە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەك مۇھىم. چۈنكى بىز ئۆزىمىزگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتىمىز. كانادانى ئىتتىپاقداشلىقتا بەك ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. ھازىر بىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزۈمىزنى كۆرسىتىدىغان بىر پەيتىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، كانادا ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان پەيتتە، بۇنداق بىر قارارنامىنىڭ ماقۇللىنىشى بەك ياخشى بولدى. بۇ قارارنامە خىتايغا سىگنال بېرىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنياغىمۇ سىگنال بېرىدۇ. چۈنكى باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىمىزغا قاراپ ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ. كانادا ئۆز ئالدىغا بىر ئىشنى تەۋرەتكۈدەك ئۇنچىلىك كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس، ئەمما باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ بەرگەن سىگنالىمىزغا قاراپ، بىز بىلەن ئوخشاش يول تۇتىدۇ.