ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان غۇلجادىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 42 ئوقۇغۇچىغا «ئالاھىدە سىياسىي تەربىيە» بېرىلگەن

0:00 / 0:00

2017‏-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇندا بولۇش ئاساسەن ئومۇمىييۈزلۈك ئەھۋالغا ئۆزگىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپلەردە «ئالاھىدە سىياسىىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە ئوقۇش نەتىجىسدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندا بولغان 42 ئوقۇغچىغا پەرقلىق سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دەرس نەتىجىسىدە ئېغىر چېكىنىش بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا مەكتەپلەرگە ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئالاھىدە سىياسىي تەربىيە» بېرىش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. دېيىلىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئاتا-ئانىسى ئېغىر كېسىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسەللىي بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان ۋە بىر تەرەپتىن بۇ بالىلاردا ھۆكۈمەتكە قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

تېلىپونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇتقۇچلار ئۆزلىرى خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ بالىلارغا بەك ئوچۇق-چىرايدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋال بالىلاردا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر تەربىيە مەكتەپنىڭ سىياسىي ئەخلاق يېتەكچىسى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى كەنت ساقچىلىرىنىڭ ھەكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ «ئايرىم سۆھبەتلەر» ھەرقانچە سىيلىق-سىپايە داۋام قىلسىمۇ، بەزى بالىلاردا قورقۇنۇچ پەيدا قىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەركەندىكى بىر مەكتەپنىڭ سىياسىي ئەخلاق يېتەكچىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان بالىلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئۇلارغا ئايرىم «تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر «ئالاھىدە تەربىيە» نىڭ نەتىجىسىدە، ئەسلىدىكى دەردىگە تېخىمۇ دەرت قېتىلىپ، روھىي كەيپىياتىدا ھەسسىلەپ چۈشكۈنلىشىش پەيدا بولغان ۋە دەرس نەتىجىسىدىمۇ ئېغىر چېكىنىش بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرى، ئۆز مەكتىپىدە ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان 42 ئوقۇغۇچى بارلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ بالىلارغا قارىتا ئالاھىدە سىياسىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.

بۇ مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىىڭ ساقچىسى، مەزكۇر 42 بالىدىن 10 نەچچىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارغا «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدىسىزلەنمەسلىك ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ باراغانلىقى» نى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىممۇ بۇ بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە ئوقۇش نەتىجىسىدە چېكىنىش بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتىدىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا، مەھبۇسلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانا قوينىدىن ئايرىۋېتىلىشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ روھىيىتى ۋە ئىستقبالىغا قارىتا ئورنىنى تولدۇرغىنى بولمايدىغان بىر زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بولسا بۇنداق «ئالاھىدە تەربىيە» لەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي كۈتكەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.