«باز فىد» (BuzzFeedNews) خەۋەر تورىنىڭ 27-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ خەرىتىسىدىكى ‹ئۆچۈرۈۋېتىلگەن› بوش ئورۇنلار بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاگېرلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ماقالىگە ئاساسلانغاندا، «باز فىد» مۇخبىرلىرى 2018-يىلىدىن بىرى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، 1200 ئەتراپىدا لاگېر بار دەپ قارالغان بولسىمۇ پەقەت ئون نەچچىسىنى تاپالىغان.
بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئانالىزچىسى ئالىسون كېللىر ئۆزىنىڭ تېۋىتىر ھېسابىدا «خىتاينىڭ قاتتىق نازارەت ۋە كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قىيىن ئىدى. شۇڭا بىز سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى سۈرىتىدىن پايدىلاندۇق» دەپ يازىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ خەرىتە سۇپىسى بولغان بەيدۇ خەرىتىسىنى ئىشلەتكەندە، بۇرۇن بايقىغان لاگېرلارنىڭ ئەتراپىغا سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرنىڭ يۈكلىنىشىدە مەلۇم مەسىلە كۆرۈلگەن. سۈنئىي ھەمراھنىڭ تەسۋىرى ئېنىق كۆرۈنمىگەن، ئەمما چوڭايتقاندا لاگېرلارنىڭ ئورنىدا ئوچۇق سۇس كۈلرەڭ كاتەكچىلەر پەيدا بولغان. بەزى كاتەكچىلەر قېنىق رەڭلەردە كۆرۈنگەن، تېخىمۇ چوڭايتقاندا ئۇلار غايىب بولغان.
مۇخبىلار بۇ يوقاپ كەتكەن خەرىتىلەرنىڭ ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچۇرلارنى تورغا يۈكلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە ئاشۇنداق سۇس كۈلرەڭ كاتەكچە كۆرۈنگەن ئورۇنلارنى نۇقتىلىق ئىزدەشكەن باشلىغان. نەتىجىدە ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە يېقىن جايلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق «ئۆچۈرۈۋېتىلگەن» ئورۇندىن 50 مىڭ ئەتراپىدا ئورۇن بايقالغان. تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى، تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بىر قاتار ئەسلىھەلەرنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن 10 مىڭغا يېقىن ئورۇننى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن. تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىق ئالاھىدىلىكلىرى بولغان ئورۇندىن 428 ئورۇننى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى لاگېر، دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ياكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تېخىمۇ ئىنچىكە سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنىڭ مۇخبىرى مېگا راجاگوپالان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن 2017-يىلى لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان. لاگېرلارنىڭ فورماتلىرىنى، شەكلىنى بىلىمەن. بىر قاراپلا ئۇ يەرلەرنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەرلەر ئادەتتە بەك مۇستەھكەم ياسالغان بولىدۇ، ئېگىز تاملار، تامنىڭ ئۈستىدە سىم توسۇقلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئۆزى خالاپ كىرمەيدىغانلىقى ئېنىق. مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇ لاگېرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپالمىدىم، ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئارىدىن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، غايىب بولغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2018-يىلى ئالىسون بىلەن بىرلىشىپ ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ لاگېرلارنى ئىزدەشكە باشلىدۇق».
ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ تېپىپ چىققان لاگېرلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «مۇشۇنداق پولاتتەك ئىسپات ئالدىدا ھېچكىم لاگېر مەسىلىسىنى رەت قىلالمايدۇ. ھەر قانداق كىشى گوگۇل يەرشارى (GoogleEarth) دىن كۆرەلەيدۇ. ئەمدى يوقالغان كىشىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا ھېچقانداق نەرسە سىر بولمايدۇ. مېنىڭچە مانا بۇ بىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىمىز».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم ئاشكارىلانغان بۇ لاگېرلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «قسقىچە ئېيتقاندا بۇ خىتاينىڭ ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى خۇشال، شىنجاڭدا ھەممە ئىشلار ياخشى، خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق› دېگەن باياناتلىرىنىڭ ‹يۈزى›گە ئېتىلغان بىر ‹شاپىلاق› بولدى. ئەگەر كىشىلەر راستىنىلا ئىۇشال ياشاۋاتقان بولسا، بۇنچە كۆپ تۈرمىلەرنى نېمىگە سالىدۇ؟ بۇ ئېنىقلا بىر-بىرىگە زىت ئۇقۇملار. مۇشۇنداق پولاتتەك ئىسپاتلار خىتاينىڭ ساختىپەزلىكنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى خادىىملارنى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ».
مېگا راجاگوپالان ئېلان قىلىنغان ماقالىدە دېيىلمىگەن لېكىن ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىر قانچە نۇقتا ھەققىدە توختالدى: «بىز لاگېردا يېتىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بايلارمۇ-كەمبىغەللەرمۇ بار، ئەر-ئايال، قىرى-ياش، خىتايچىنى پىششىق بىلىدىغانلارمۇ بار. ئانا تىلىنىلا بىلىدىغان چوڭلارمۇ ئىتايچىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلارنغان. لاگېردىكى قىيىن-قىستاق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن. ئەمما ئۇلارغا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئادالەتسىزلىك، كەمسىتىلىش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالغا چەتئەلدە ئوقۇيدىغان قىزى تېلېفۇنىغا ۋاتىسساپ چۈشۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئاشۇ ئەپ ئۈچۈن بىر ئايدىن ئارتۇق لاگېردا يېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى».
ئاخىرىدا سوفىي رىچاردسون خانىم خىتايغا تەكشۈرۈش خادىملىرى ئەۋەتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزۇندىن بېرى خىتايغا مۇستەقىل خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈشكە كۈچەۋاتىمىز. بۇ تەكشۈرۈش بەك مۇھىم. ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرى ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىسا، ئۇلار قورقماي يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىدۇ. يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى›قانۇنلاشتۇرۇپ‹كېتىۋېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك».
0:00 / 0:00