بىر ئائىلىدىكى 5 ئايالغا ئېغىر جازا كەسكەن كورلا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقى دەلىللەندى
2022.01.19
يېقىندا رادىيومىز كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئائىت بولغان بىر ئائىلىدىكى 5 ئايال كىشىگە ئېغىر جازا كەسكەن بىر «ھۆكۈمنامە» نى قولغا چۈشۈردى.
«ھۆكۈمنامە» دە قەيت قىلىنىشىچە، بىر ئائىلىدىكى ئانا، قىز ۋە كېلىن بولۇپ جەمئىي 5 كىشىگە ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللاندى» دېگەن جىنايەت بىلەن 7 يىللىقتىن 20 يىللىققا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاپ بەرگەن مەزكۇر سوت مەھكىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى 2019-يىلى 4-ئايدا چقىرىلغان مەزكۇر «ھۆكۈمنامە» گە ئىمزاسى قويۇلغان شىرئەلى مەمەت قاتارلىق 4 نەپەر سوتچىنىڭ نۆۋەتتە كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللىدى.
قولىمىزغا چۈشكەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2019-يىل 312-نومۇرلۇق بىر جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خەلچەم پازىل، مەلىكىزات مەمەت، پاتىگۈل مەمەت، زەمىرە مەمەت ۋە بوستان ئىبراھىم قاتارلىق بەش ئايال ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغان ۋە بۇنىڭغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» لىكى ئۈچۈن، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىلدىن 20 يىلغا قەدەر ئوخشىمىغان مۇددەتتە كېسىۋېتىلگەن. مەھكۇملارنىڭ ئەڭ چوڭى خەلچەم پازىل بۇ يىل 78 ياش، ئەڭ كىچىكى بوستان ئىبراھىم 33 ياش بولۇپ، بۇلاردىن بىرسى دۆلەت خىزمەتچىسى، قالغانلىرى ئائىلە ئاياللىرى ئىكەن. ھۆكۈمنامىنىڭ ئاخىرىىغا «باش سوتچى شىرئەلى مەمەت، سوتچى ئەخمەتجان قۇربان ۋە ئىبادەت ياسىن، پۈتۈكچى دىلمۇارات پەرھات» دېگەن ئىسىملاردا ئىمزالار قويۇلغان.
بىز مەزكۇر ھۆكۈمنامىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. سوتنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدىكى دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ھۆكۈمنامىدا ئىمزاسى بار سوتچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ دېلولار ھەققىدە ساقچىخانىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەزكۇر خادىم بىزنىڭ بۇ سوتتا مەزكۇر نامدىكى سوتچىلارنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بەرمىدى.
ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر 5 ئايال كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. ئەيىبنامىدە مەزكۇر 5 ئايال تەبلىغىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ خەلچىگۈل مەمەت ئىسىملىك بىرسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە چەت ئەلدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇھاجىرەتتىكى كورلالقىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلچىگۈل مەمەت ئەينى چاغدا كورلادا جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئاكتىپلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشىماقتىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلچىگۈل خانىم، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر 5 مەھكۇمنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. دېيىلىشىچە، مەزكۇر بەش مەھكۇم ئانا، قىز ۋە كېلىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، بىر-بىرىنى يوقلاشقان، ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆزئارا دىنىي ساۋات چىقىرىش، دىنىي مەلۇماتلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئەۋلات يېتىشتۈرۈش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ھەم ياردەملەشكەن ئىكەن. ئۆزىنىڭ بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقى سەۋەپلىك بەلگىلىك دىنىي مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خەلچىگۈل خانىم، بۇ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەدەنىيەت پائالىيتى ۋە ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك بىر سىياسىي ھەركەت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ، نۆۋەتتە رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق بىر پاكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر ھۆكۈمنامىدە قەدرىيە مەمەت ئىسىملىك يەنە بىر مەھكۇمنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىر دېلودا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىغان. خەلچىگۈل مەمەت مەزكۇر خانىمنىڭمۇ ھۆكۈمنامىدە ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان 5 ئايال بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن مەھمۇت مەمەت ۋە مۇساجان مەمەت، زۆھرەگۈللەرنىڭمۇ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، يەنى بۇ ئائىلىدىن جەمئىي 9 كىشىنىڭ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باش سوتچى شىرئەلى مەمەت، سوتچى ئەخمەتجان قۇربان ۋە ئىبادەت ياسىنلارنىڭ بۇ سوت مەھكىمىسىدە ھېلىھەم خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقى دەلىللىدى.
مەزكۇر ھۆكۈمنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھكۇملاردىن ئەڭ دەسلەپتە تۇتۇلغىنى مەلىكىزات مەمەت بولۇپ، ھۆكۈمنامە 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چىقىرىلغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رايوندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ تاقالغانلىقى» نى ئېلان قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە.