ئەركىن دۇنيادا ياشاپ، ئۇچۇرلاردىن ئەركىن پايدىلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن باشلاپ تۈرلۈك شۇم خەۋەرلەردىن پۈتمەس-تۈگىمەس تەشۋىشلەرگە ۋە مۇسىبەتكە گىرىپتار بولۇۋاتقاندا يىراق ئوكيانلارنىڭ نېرىسىدىكى خىلۋەت بۆلمىدە ئەسىرلىك ئەسلىمىلەرگە چۆمۈلگەن سۆيۈنگۈل خانىم ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلماس ياشلىق مەزگىلىدە بېشىدىن ئۆتكەن قاباھەتلىك كۈنلەرنىڭ ئەمدى مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئورتاق بىر دەردكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدىكى قاباھەتلىك يىللاردا پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتى مالىمانغا تولغان بولسا بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆرگىنى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرنى كۆزلىگەن نىشانلىق باستۇرۇش بولدى.
سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىم 1960-يىللاردىكى سىياسىي مالىمانچىلىق مەزگىللىرىدە ئۆزىنىڭ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان نەۋباھار مەزگىللىرىنى «شەرقىي تۈركىستان مېھنەتكەش خەلق پارتىيەسى» نى قۇرۇشقا ئاتىغان ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ئېغىزدىن «يېڭى زاماننىڭ نۇزۇگۇمى» دەپ تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولغان، شۇنداقلا ھېلىمۇ ھايات ياشاۋاتقان تەۋەررۈك شاھىتلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھېچكىمنى ئايىمىغان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خەۋەرلىرى بارغانسېرى ئېچىنىشلىق تۈس ئېلىشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدىن ئۆز ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا ئېلان قىلغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دىكى كارتىنىلار كۆپ قېتىملاپ ئۆتتى. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە خاتىرىسى كۈچلۈك مويسىپىتلار ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە 1930-يىللاردىن تارتىپ كۆپ قېتىملاپ تەكرار ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ياخشى بىلسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىگە تولۇقى بىلەن بايان قىلىپ بېرىشكە ئىمكان تاپالمىغان ئىدى. سۆيۈنگۈل خانىم ئەنە شۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەجدادلارنىڭ بىخۇتلۇقى كېيىنكىلەرگە ئاپەت بولمىسۇن، تارىخىمىزنىڭ قانغا بويالغان سەھىپىلىرى ئۆچۈپ كەتمىسۇن دەپ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرىلا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن قارا كۈنلەرنى ئەسلىمە شەكلىدە يېزىپ چىققانىدى. گەرچە ئۆزى مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، تولىمۇ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدە ئاشۇ قان-ياشلىق ئەسلىمىنى يېزىپ چىقىشىغا بۇمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولغان ئىدى.
سۆيۈنگۈل خانىمنى ھەممىدىنمۇ بەك غەزەپلەندۈرگەن ئىشلارنىڭ بىرى ئۆزلىرى 1960-يىللاردا گۇۋاھ بولغان «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش» قىلمىشىنىڭ ئەمدىلىكتە پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر تۈرلۈك ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشى بولدى. ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردە غايەت زور چوشقا فېرمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، كۈندىلىك غىزاسىنى «ھارام» ۋە «ھالال» دەپ ئايرىشتەك ئەقەللىي ئادەتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا، ھەتتا ئۆلۈمگە سەۋەب بولۇشى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى كۆڭلىگە پۈككەن قەبىھ نىيەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئاشكارا ئىپادىلىنىشى» دېگەن قارىشىنىڭ توغرىلىقىغا ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك ئىشەندۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ.
سۆيۈنگۈل خانىم ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىغۇبار ياشلىقىنى قاراڭغۇ تۈرمە كامېرلىرىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغاندا «ياتنىڭ ياندىن، ئۆزنىڭ جاندىن» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ مالىمانچىلىق مەزگىللىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ سەرخىللىرىنى يوقىتىش پائالىيىتىگە يېقىندىن يانتاياق بولغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك كادىرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان ئەنۋەر جاكۇلىندەك يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سۆيۈنگۈل خانىمنى «خەلقنىڭ دۈشمىنى» دەپ جاكارلىغان. ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە كىمنىڭ خەلق دۈشمىنى، كىمنىڭ خەلق سۆيەر قەھرىمان ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئايدىڭ بولغان.
سۆيۈنگۈل خانىم ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوقۇمۇشلۇق تاتار سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، كىچىكىدىن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تەسىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىر-بىرىگە قېرىنداش» دېگەن چۈشەنچىنى ھاياتلىق مىزانلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى قىلىۋالغان. دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ پاراڭلىرىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۆزۈڭنى پىدا قىلمىساڭمۇ ھېچكىم سېنى ئەيىبلىمەيدۇ» دېگەن سۆزلەر بولغان بولسىمۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا زېمىننى ئۆز ۋەتىنىم، دەپ ئەزىزلەش، ئۇنىڭ ئازادلىقى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش، دەل مۇشۇ ئەقىدە سەۋەبلىك يىگىرمە يىللاپ قاماق ۋە رېجىمنىڭ ئازابىنى تارتىش دەل ئەنە شۇ تەربىيەنى مەنبە قىلغانىدى.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00