قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى
2021.04.22
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنى ھازىرقى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىكى سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تېمىسىنىڭ بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى «چېگراسىز مۇخبىرلار» خەلقارا تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ 1985-يىلى فىرانسىيەنىڭ مونپېليې شەھىرىدە قۇرۇلغانكەن.
يېقىندا بىر قاتار ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ماقالىلار ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتى ئورۇن ئالغاندى. ماقالىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئەھۋالى تەشكىلاتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«پەرغانە رۇ» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستان ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم مەتبۇئات ئەركىنلىكى تىزىملىكىدە چۈشۈپ كەتتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى 2018-يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ كەتكەنىكەن. ھازىر ئۇ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ساقلاش بويىچە تۈزۈلگەن تىزىمنى ئىگىلىگەن 180 مەملىكەتنىڭ ئىچىدە پەقەت 157-ئورۇندا تۇرۇدىكەن. تىزىم ئاپتورلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بۇ مەسىلىدە تەشۋىشلىك رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۆزبېكىستاندا ئىلگىرىكى پرېزىدېنت ئىسلام كارىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سۆز ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قەدەر ئىجابىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تور ئىگىلىرىگە بېسىم كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنى قاماش ئەھۋاللىرى يەنىلا داۋام قىلماقتىكەن.
مۇنداق ئەھۋالنىڭ قوشنا قازاقىستاندىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. «قازتاگ» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «قازاقىستان مەتبۇئات ئەركىنلىكى تىزىملىكىدە يەنە ھوندۇراس، ئافغانىستان ۋە زىمبابۋېدىنمۇ بەتتەر ئەھۋالدا قالدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان بۇ مەسىلىدە 157-ئورۇندىن 155-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2019-يىلى نۇرسۇلتان نازاربايېف پرېزىدېنتلىق تەختىدىن چۈشۈپ، سۆز ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئىجابىي ئەھۋاللار يۈز بېرىشكە باشلىغانىكەن. ئەمما ھۆكۈمەت تەقىبلەش ئۇسۇللىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، ئىنتېرنېت كونترولنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە ھەم تور ئىگىلىرىنى قامىماقتا.
مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇنداق ئەھۋال قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىمۇ ساقلانماقتىكەن.
قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاندرېي گرىشىن ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاننىڭ بۇ تىزىملىكتە 157-ئورۇندىن 155-ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى يەنىلا يېقىمسىز ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن خېلىدىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ئەھۋالكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ ئەھۋال يىلدىن-يىلغا ناچارلىشىۋاتىدۇ. ھەتتا قازاقىستاننىڭ ئىككى پەلەمپەي يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەيران قالارلىق ھادىسە. ئەلدە مۇستەقىل ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان قالمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىر ئاساسىي ھۇجۇم تور ئىگىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلماقتا. قازاقىستاننىڭ جىنايى دېلولىرىدا «ئاساسسىز ئاخبارات» دېگەن ماددا بار. بۇ ماددا ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن بىلدۈرمەكچى بولغان ھەر قانداق ئادەمگە قوللىنىلىدۇ. ھازىر مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنىڭ ئورنىغا تور ئىگىلىرى تەقىبلىنىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۆزبېكىستانغا كەلسەك، كەرىموفتىن كېيىن ھايات بىر ئاز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۆلەت كونترولى ئاستىغا ئېلىنماقتا. پەقەت تور ئىگىلىرىنىڭ پائالىيىتى بىر ئاز ئاكتىپلاشتى. قىرغىزىستاندا بۇ مەسىلىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئىلگىرى بۇ مەملىكەت سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتىن ئاتىقى چىققان بولسىمۇ، ئەمدى بارلىق ساھەلەر بويىچە بېسىم يۈرۈۋاتىدۇ. ھەم ژۇرنالىستلارنىڭ، ھەم تور ئىگىلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا قارىغاندا ئەھۋال بىر ئاز ياخشى. تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندا ئەھۋال بۇرۇنقىدەك قالدى. ھېچ ئۆزگىرىش يوق. ئەمدى قازاقىستانغا قوشنا خىتايغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئالاھىدە تەتقىق قىلىدىغان مەسىلە. ھازىر مەلۇمكى، خىتايدا ئومۇمىييۈزلۈك كۆزىتىش، كونترول قىلىش سىستېمىسى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ يەردە پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاكتىپ پايدىلىنىۋاتقان شەخسلەرلە ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىمۇ تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولغانلىقتىن ھېچ قانداق بىر سۆز ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.»
سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباينىڭ ئېيتىشىچە، «چېگراسىز مۇخبىرلار» خەلقارا تەشكىلاتىنىڭ ئېنىق پاكىتلارغا ئاساسلانغان ھالدا يۈرگۈزگەن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە تولۇق ئىشىنىشكە بولىدىكەن. ئۇ تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە ئەڭ ئارقىدا قالغان مەملىكەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزبېكىستاندىمۇ ئەھۋالنىڭ قازاقىستانغا قارىغاندا ناچار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىمۇ ئەھۋال مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ياخشى دەپ ئېيتالمايمىز. سەۋەبى ژۇنالىستلار تەقىبلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا ھەقىقەتنى ئېيتىۋاتقان، دائىرىلەرنى سىنايدىغان ئاچچىق پىكىر قىلىدىغان تور ئىگىلىرىمۇ تەقىبلىنىۋاتىدۇ. سۆز ئەركىنلىكى دېگەن پەقەت ئاخبارات قوراللىرىدىلا ئېيتىلىدىغان گەپ دەپ چۈشەنمەسلىكىمىز كېرەك. سۆز ئەركىنلىكى دېگەن يىغىنلاردا، نامايىشلاردا ئۆز پىكرىنى ئەركىن بىلدۈرۈش دېگەن سۆز. قازاقىستاندا ئەنە شۇ يىغىنلارغا، نامايىشلارغا قاتناشقانلارنى، ئۇيۇشتۇرغانلارنى، ھەتتا قاتنىشىمەن دېگۈچىلەرنى سوتلاش ئادەتكە ئايلاندى. ھازىر ئەلدە ئاخبارات قوراللىرىنى سوتقا بېرىۋاتمايدۇ، چۈنكى ئاخبارات قوراللىرى دۆلەت خىراژىتىگە موھتاژ ئاخبارات قوراللىرىدۇر. قازاقىستاندا چوڭ تېلېۋىزىيە كاناللىرى، گېزىت-ژورناللار دۆلەت خىراجىتىگە ئالقىنىنى يېيىۋاتقانلار. ھەتتا تور ئىگىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى پۇل ئالغاچقا، ھۆكۈمەتكە بېقىندا بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قارشى جىنايى دېلولار قوزغالمايدۇ. خىتاي بولسا، دېموكراتىك يۆنۈلۈشتىكى مەملىكەت ئەمەس. ئۇ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەلىك مەملىكەت بولغانلىقتىن ئۆزگە ئاخبارتلارنى قاتتىق چەكلەيدۇ. خىتاي ھازىر شىنژاڭدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ، مۇشۇ كۈنگىچە بېسىم كۆرسىتىۋاتىدۇ. مۇنداق ئەلدە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەلدە ئەركىن ئاخبارات تارقىتىش، ئەركىن ئاخبارات ئېلىش تامامەن چەكلەنگەن. يەنە بىر قوشنا دۆلەت رۇسىيەدە سۆز ئەركىنلىكى قانچە قىلغان بىلەن بار. بۇ ئەلدە دېموكراتىك، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بولغانلىقتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوخشاش سۆز ئەركىنلىكنى چەكلىيەلمەيدۇ.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى جەھەتتىن قىرغىزىستان 79-ئورۇندا، تاجىكىستان 162، تۈركمەنىستان 178-ئورۇندا ئىكەن. ئەمدى رۇسىيە 150-ئورۇننى، خىتاي 177-ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، «چېگراسىز مۇخبىرلار» خەلقارا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قاماشقا ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن ژورنالىستلارنى ۋە مېدىيا خادىملىرىنى قوغداشتىن ئىبارەتكەن. ئۇ شۇنداقلا كۆپلىگەن ئەللەردە قوللىنىلىۋاتقان قوپال مۇئامىلە قىلىش ۋە تەن جازاسى ۋەقەلىرىنى ئاشكارىلاش، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى تەمىنلەش ۋە ژۇرنالىستلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلات شۇ مەقسەتتە بارلىق مەملىكەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈشلەر يۈرگۈزۈپ، ھەر يىلى ھېسابات دوكلاتى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن.