ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىننى بىكار قىلىشى تۈرك جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «سۆز ۋە قەلەم» ناملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن باشلىنىشىغا 15 مىنۇت قالغاندا مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن بىكار قىلىنغان. بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقاتقان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتىن بۇ يىغىن توغرىلىق رەسمىي رۇخسەت ئالغان ئىدۇق. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى بۇ يىغىنىمىزنىڭ باشلىنىشىغا 15 مىنۇت قالغاندا، مەكتەپ رەھبەرلىرى بىز يىغىن ئاچىدىغان زالنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. يىغىنغا كەلگەن يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن زالدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى يىغىنىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، قەلبى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سوقۇۋاتقان بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلدى. يىغىنىمىزغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ھېچقانداق بېسىمنىڭ بىزنى قورقىتالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ھەر دائىم ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز».

ئىگىلىشىمىزچە، ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زالغا كېلىپ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «سۆز ۋە قەلەم» ناملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىغا ھېچقانداق ھۆججەت ۋە سەۋەب كۆرسەتمەستىن مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ بۇ يىغىننى ئاچقۇزماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇقى بارلىقىنى ئېيتىپ، زالدىن ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىۋەتكەن.

تۈركىيەنىڭ ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «سۆز ۋە قەلەم» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ تەشۋىقات ۋارىقى. 2024-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ساكاريا، تۈركىيە
تۈركىيەنىڭ ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «سۆز ۋە قەلەم» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ تەشۋىقات ۋارىقى. 2024-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ساكاريا، تۈركىيە (RFA/Erkin Tarim)

2017-يىلى لاگېر مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئاممىۋى تەشكىلات، ئۆكتىچى پارتىيە، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جازا لاگېرلىرىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشقان ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەردە كۆپ ساندا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى توسۇشتىكى سەۋەبى زادى نېمە؟

بىز ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور دوكتور ھامزا ئال ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى گۈلشاھ تۇنجەلى خانىم سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ساقلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەلىرىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى، شەھەر باشلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىر تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز دەيدۇ، يەنە بىر تۇرۇپ ئىجرائاتلاردا توسالغۇغا ئۇچراۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى بۇنداق پائالىيەتلەرنى توسۇۋاتقانلارنىڭ كەينىدە ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئەگەر ھۆكۈمەت قىلمىغان بولسا، بۇنداق قىلغان رەھبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بېسىم ۋە زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قولىدىن كەلگەننى قىلىشى كېرەك. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى تۈركىيەدە توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك».

بۇ يىغىنغا دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئىستانبۇلدىن ساكارياغا بارغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنى بېسىۋېلىنغان، خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، مىليونلىغان ئادىمى سۈرىيەدىكى ئەسەدنىڭ زىندانلىرىدىنمۇ بەتتەر بولغان زىندانلاردا قامالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى، ئاسسىمىلياتسىيەنى، تەن جازاسىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۈگۈن بىز تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا قويالمىدۇق. مەن پۈتۈن ئىنسانلاردىن شۇنى سورىماقچىمەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولغان تۈركىيەدە ئاڭلىتالمىساق، نەدە، كىمگە ئاڭلىتىمىز؟»

«تۈركىيە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمدىكى بىر دۆلەت. تۈرك پۇقرالىرى پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە. بىلىم يۇرتى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى قانۇنغا خىلاپ ئىش بولمىسىمۇ، بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ ياكى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن بىكار قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئورخۇن ئەپەندى «بۇنىڭغا بارلىق ئۇيغۇرلار ئىنكاس قايتۇرۇپ، جامائەت پىكرى توپلىشى كېرەك» لىكىنى بايان قىلدى.

1998-يىلى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان مەسۇت يىلماز ھۆكۈمىتى 38-نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، تۈركىيەدىكى يىغىنلاردا كۆك بايراق ئېسىشنى، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنلارغا دۆلەت كادىرلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ ھۆججەتنى بىكار قىلغان ئىدى.