شەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 9 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا ياسالغان راكېتا ئارقىلىق ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىن ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدى.
شۇ جاي ۋاقتى 30-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە «Falcon 9» يەنى «شۇڭقار 9» ناملىق راكېتا ئامېرىكىلىق ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان ئالەم بوشلۇقى كاپسۇلىنى ئېلىپ، فلورىدا شتاتىغا جايلاشقا كېننېدىي ئالەم قاتنىشى بازىسىدىن ئالەمگە-خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىغا قاراپ كۆتۈرۈلدى.
مەزكۇر راكېتانى ئامېرىكادىكى مىلياردېر ئېلان ماسىك ئىگىدارچىلىقىدىكى «SpaceX» ئالەم تەتقىقاتى تېخنولوگىيە شىركىتى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر شەخسىي شىركەت ياسىغان راكېتا ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىغا يوللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2011-يىلى ئىيۇلدا «ئاتلانتىس» ناملىق ئالەم كېمىسى ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تامالىغاندىن كېيىن ئامېرىكا تۇپرىقىدىن راكېتا ئارقىلىق ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللاش ئىشلىرىغا خاتىمە بەرگەن.
مەزكۇر ئىدارە شۇندىن كېيىن رۇسىيەگە تايىنىپ ئۆز ئالىملىرى ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىغا يوللاشنى داۋام قىلغان.
«سودا خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر بىر قېتىملىق سەپەردە رۇسىيەگە بىر ئورۇنغا 80 مىليون دوللار تۆلەپ كەلگەن ئىكەن.
«شۇڭقار 9» ناملىق راكېتانىڭ نەتىجىلىك قويۇپ بېرىلىشى، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن ئالەم قاتنىشىدا باشقىلارغا تايىنىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدىكەن.
شەنبە كۈندىكى قويۇپ بېرىش مۇراسىمىغا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى خادىملىرى ۋە «SpaceX» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئېلان ماسكتىن باشقا يەنە پرېزىدېنت دونالد ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشتى.
پرېزىدېنت دونالد ترامپ «شۇڭقار 9» ناملىق راكېتا نەتىجىلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشىغا بولغان ئەقىدىسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن دۇنيا ھەسەت قىلغۇدەك بىر ئورگاننى بارلىققا كەلتۈردۇق. بىز يېقىندا مارسقا قونىمىز ۋە ئۇزۇنغا قالماي تارىختا تەسەۋۋۇر قىلىنىپ باقمىغان ئەڭ ئىلغار قوراللارنى ياساپ چىقىمىز. مەن ئۇلارنىڭ چېرتيوژلىرىنى كۆرۈپ بولدۇم ۋە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىر دۇنيا دۇنيا يېتەكچىسى سۈپىتىدە ئۆز نوپۇسىنى قايتا تىكلىدى.»
ئۇ يەنە، ئەلەم بوشلۇقىدا ئىككىنچى بولۇپ قالسا، يەرشارىدا بىرىنچى بولۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» تازا يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە يەنى، 1961-يىلى 12-ئاپرېل يۇرى گارگارىن ئىسىملىك بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ يەرشارى ئوربىتىسىنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنتى جون كېننېدىي ئالەم تېخنىكىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېتىشىۋېلىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ.
ئۇ، 1961-يىلى 25-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان بىر ئالاھىدە يىغىندا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ئايغا چىقىش غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
كېننېدىينىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر ئۇلۇغۋار غايە 1969-يىلى 20-ئىيۇل «ئاپوللو 11» ناملىق ئالەم كېمىسى ئاي شارىغا نەتىجىلىك قونغاندا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى نېيل ئارمستروڭ ئاي شارىغا دەسسىگەن تۇنجى ئىنسان بولۇپ قالىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇندىن باشلاپ ھازىرغا كەلگۈچە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشىدا يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، 2011-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۆز ئالدىغا راكېتا ياساش ۋە ئامېرىكىدا ياسالغان ئالەم كېمىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىرىش تەتقىقاتىغا خاتىمە بېرىدۇ ۋە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىغا ئالىم-تەتقىقاتچى ۋە كېرەكلىك ئەشيالارنى يوللاشتا رۇسىيەگە تايىنىشقا باشلايدۇ.
بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئالەم تېخنىكىسىدا ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىش غەرىزىدىكى خىتاي قاتارلىق ئەللەرمۇ ئالەم تېخنىكىسىغا زور مەبلەغلەرنى سېلىپ بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
مەسىلەن، خىتاي 2007-يىلى 24-ئۆكتەبىر ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقۇچىلىرىنى چىقىرىدۇ ۋە ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىنى ئايلانغان 5-دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. 2019-يىلى 3-يانۋار ئاي شارىغا ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى قوندۇرىدۇ ۋە 2029-ۋە 2030-يىللىرى ئارىسىدا ئايغا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قوندۇرۇشنى پىلان قىلىدۇ.
دونالد ترامپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2017-يىلى ئىيۇلدا 1989-يىلى قۇرۇلۇپ، 1993-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى كېڭىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسنى رەئىس قىلىپ بېكىتىدۇ.
مەزكۇر كېڭەش شۇندىن كېيىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 2011-يىلىدىن بۇيان خادىملىرىنى قىسقارتىپ كىچىكلەپ كەتكەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ.
30-ماي فلورىدادىكى كېننېدىي ئالەم قاتنىشى بازىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس باشقا ئەللەرنىڭ ئالەم تېخنىكىسىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە باشقا ئەللەر ئالەم تېخنىكىسىغا زور مەبلەغلەرنى سېلىۋاتقاندا، پرېزىدېنتىمىز بىز خۇددى ھاۋا، يەر ۋە دېڭىزدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاندەك، ئامېرىكىنىڭ ئالەمدىمۇ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ قەدەملەرنى ئالدى. بىز قوراللىق قىسىملىرىمىزنىڭ 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى تارمىقى-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى قىسمىنى قۇرۇپ چىقتۇق.»
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى قىسمى 2019-يىلى 1-سېنتەبىر قۇرۇلغان ئىدى.
روبېرت بەھنكەن (Robert Behnken) ۋە دوۇگلاس ھۇرلېي (Douglas Hurley) قاتارلىق ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ «شۇڭقار 9» ناملىق راكېتا بىلەن شەنبە كۈنى ئالەمگە كۆتۈرۈلگەن «ئەجدىھا ئالەم بوشلۇقى كاپسۇلى» 19 سائەتتىن كېيىن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىغا يېتىپ باردى. ئۇچقۇچلار ئىستانسا بۆلمىسىگە بىخەتەر ھالدا قەدەم قويدى.
بەزى مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىدا يەنە بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلغان تارىخىي دەقىقە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە.