«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «شىنجاڭ 3 يىللىق دەريا-ئېقىنلارنى تۈزەش ھەرىكىتىنى باشلىدى» سەرلەۋھەلىك تەپسىلىي خەۋەردە 2019-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 3 يىللىق دەريا-ئېقىنلارنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە رايوندىكى 3355 دەريا، 121 كۆلگە قارىتا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، رايوندىكى دەريا-ئېقىنلارنىڭ بۇلغىنىشىنى ئوڭلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 28-ئاۋغۇست كۈنى «خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سۇ قويۇپ بېرىلدى ۋە دەريانىڭ غول ئېقىنى قايتىپ كەلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا دەريا-ئېقىنلارنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 2000-يىلىدىن باشلاپ سۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 70-يىللارغىچە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 400 كىلومېتىر دائىرىدە سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكى، نەتىجىدە دەريا ھاۋزىسىدىكى قەدىمىي توغراقلىقلار قۇرۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بوستانلىق كارىدورىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك چېكىنىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا بۇزاكى خانىمنىڭ 10 يىللىق ياشلىق ھاياتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە، يەنى مارالبېشى ئەتراپىدىكى بىڭتۇەننىڭ پولك مەيدانىدا سۈرگۈندە ئۆتكەن.
تېرىسا خانىمنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە تۇرغان مەزگىلى دەل بىڭتۇەننىڭ ئاتالمىش «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدا تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى بويلىرىدىكى توغراقلىقلارنى كېسىپ، يۇلغۇن، سۆك-سۆك، يانتاق قاتارلىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ۋەيران قىلغان يىللارغا توغرا كېلىدىكەن.
تېرىسا بۇزاكى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 60-يىللارنىڭ بېشىدىن 70-يىللارغىچە بىڭتۇەننىڭ مارالبېشىدىكى 3-دېۋىزىيە 6-پولكىدا تۇرغان ئىكەن. بۇ مەزگىلدە تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى بويىدا ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ مو كېلىدىغان توغراقلىقلار «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدا كېسىۋېتىلگەن. بىڭتۇەندىكى خىتايلار بۇ جايلاردا ئېتىزلىقلارنى بەرپا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى 9 يىلدىن كېيىن بىڭتۇەندىن ئايرىلغاندا بۇ جايلار چۆللىشىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىكەن.
2001-يىلى6-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ يولغا قويغان «تارىم دەرياسىنى تىزگىنلەش پىلانى» بويىچە تارىم دەرياسى بويىدىكى بىڭتۇەن مەيدانلىرىدا سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، 2001-يىلدىن باشلاپ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ 40 پىرسەنت ئەتراپىدا تېجەلگەن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 19 قېتىم سۇ قويۇپ بېرىلىپ، ئىلگىرى 30 يىل داۋاملاشقان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا سۇ بارماسلىققا خاتىمە بېرىلگەن. خىتاي ئاخباراتلىرى يۇقىرىقى قۇرۇلۇشلار داۋامىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقلىقلار قايتىدىن كۆكلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان مەزگىللىرىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان، كېيىن ياپونىيەدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدىمۇ تارىم ۋادىسىدىكى ئېقىن سۇ ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى مەسىلىسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇختەر چوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىدا بىڭتۇەننىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىكەن. تارىم ۋادىسىدىكى مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزۇلۇشىنى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگىنىدەك نەچچە 10 يىل ئىچىدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولۇش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى رايونلارنىڭ سۇ ۋە تەبىئىي مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشى بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى كۆپەيتىشىدە بىر جەھەتتىن خىتاي خەلقىنىڭ ئېڭىغا سىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر دىيارىنى «چۆل-جەزىرە ۋە قۇم بارخانلىرى بىلەن قورشالغان جاي» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئۇقۇمىنى سۇسلاشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ مەنبەلىرى بىلەن يېشىل بوستانلىقلارنى ئېكرانلاردا كۆپ كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى بۇ جايغا جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەريا-ئېقىنلارنى قايتا قۇرۇشى ۋە مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىشى ئەمەلىيەتتە بۇ جايغا بارغانچە كۆپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەبەدىي تۇرۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00