يېقىنقى كۈنلەردە تىۋىتتېر قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلاردا چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازسىز ۋىدېيو ئىشلەپ، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقى ياكى لاگېرلارغا قاماقلىق ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ۋىدېيولارنىڭ كۆپىنچىسى تىۋىتتېردا «#ھەار ئۇيغۇرس» (ئۇيغۇرلارغا قۇلاق سېلىڭلار) ناملىق خەشتەگ ئاستىدا تارقىتىلغان.
ھازىر بەھرەيندە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت بۇ تەشۋىقاتنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، بۇ يىل 20-ئاپرېل ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا 31 سېكۇنتلۇق بىر ۋىدېيو ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ۋىدېيودا خەلقئارانى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھەرىكەتلىك ئىشارەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان. بۇ ۋىدېيو 32 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، 340 قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن.
ئۇ ۋىدېيونىڭ ئاستىغا ئىزاھات بېرىپ: «دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار، ئەمما بۇ يەردە ئاۋازىم يوق. دۇنياغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار دېدىم، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمايۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ ۋىدېيودا بىرەر مەسىلە يوق، ئەمما دۇنيادا مەسىلە بار،» دېگەن.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى باشلاشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلار نەچچە يىلدىن بېرى شۇنچە گۇۋاھلىقلارنى بېرىپ، شۇنچە نامايىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ كېڭەشكە يېقىندا بىر خىتاي ئەمەلدارنى ۋەزىپىگە قويغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا بۇ ئۇسۇلدا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، دەۋا ئىشلىرىنى بۇ خىل يېڭىچە ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ پائالىيەتكە ئېلىپ كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ بۇ پائالىيەتنى قوللىغان. ئۇ 19-ئاپرېل ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ھەققىدە ئاۋازسىز ۋىدېيو گۇۋاھلىقى بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا: «مەن دۇنياغا دەردىمنى ئاڭلىتىپ كەلدىم. مېنى ھازىر ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دەپ ئىزاھات بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم خەلقئاراغا يىللاردىن بېرى سۆزلەپ ئاڭلىتالمىغان دەرد-ئەلەملەرنى بۇ قېتىم ئاۋازسىز كۆرسىتىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان تۇرسۇنجان ئابلەت ئاۋازسىز گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىڭلىسى ئايگۈل ئابلەت لاگېرغا سولانغاندىن كېيىن تاراتقۇلاردا ئىزچىل تۈردە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تىۋىتتېردىكى «ئۇيغۇرلارغا قۇلاق سېلىڭلار» ناملىق خەشتەگدە كۆرۈلۈشىچە، بۇ خەشتەگ ئاستىدا ئېلان قىلىنغان ئاۋازسىز گۇۋاھلىق ۋىدېيوسى 20 گە يېقىنلىشىپ قالغان. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر لاگېرغا سولانغان قېرىنداشلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، ئىما-ئىشارەت ۋە قايغۇلۇق چىراي ئىپادىسى بىلەن دۇنياغا مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ ۋىدېيوغا ئىزاھات بېرىپ تەكىتلىمەكچى بولغىنى «دۇنيا بىزگە قۇلاق سالمايۋاتىدۇ!» دېگەندىن ئىبارەت بولغان.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا بالدۇرراق قۇلاق سالغان بولسا، خىتاي ۋاباسىغا، خىتاينىڭ ئاپەتلىرىگە سەل قارىمىغان، ھېچ بولمىسا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلالىغان بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار خىتاينى داۋاملىق پاش قىلىشى، ۋەتەن ۋە مىللەت دەۋاسىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.
پاكىتلاردىن مەلۇمكى، خىتاي 2017-يىل 4-ئايدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچ يىلدىن بېرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئاۋازسىز گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئاۋازسىز گۇۋاھلىق بېرىش دەۋا ئىشلىرىدىكى يېڭى سىناق ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
0:00 / 0:00