يېقىندا لوندوندىكى Palewell Press نەشرىياتى تەرىپىدىن «قارشىلىق كۆرسىتىش-سۈرگۈندىكى يازغۇچىلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ «چېگرا»، مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەنداننىڭ «ئوتقا قايتىش» ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، ئالمۇتا، بىشكەك ۋە لوندوندىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئەزىز ئەپەندىنىڭ 2011-يىلى «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەر كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
شائىر ۋە يازغۇچى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان ئاممىۋى ساغلاملىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى تاماملىغاندىن كىيىن يېزىقچىلىققا ئاتلىنىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. خەنداننىڭ ئەڭ يېڭى ئەسىرى ۋە تۇنجى رومانى «خەير خوش قۇياش» ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مەزمۇن قىلغان تۇنجى رومان ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر شېئىرلار توپلىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان 78 نەپەر شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ئورۇن بېرىلىشى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر سۆيۈندۈرگەن.
شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
«ئوتقا قايتىش» ناملىق شېئىرى بىلەن مەزكۇر كىتابتىن ئورۇن ئالغان شائىر مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەسلىدە تېخىمۇ بۇرۇنراق دۇنياغا تونۇلۇپ، كىشىلەر سەنئەت سۈپىتىدە ھۇزۇرلىنىشى لازىم بولغان ئەدەبىيات ئىدى. ھازىر ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى بىلەن تەڭ بىر قىسىم يازغۇچى، زھۇرنالىستلار بەزى ئۇستا تەرجىمانلارنىڭ ۋاسىتىسىدە ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئەدەبىياتىمىز ھۇزۇر بېرىشتىن ھالقىپ ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىدىغان بىر ئەينەك سۈپىتىدە رول ئويناۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شېئىرلاردىكى ھېسسىيات ۋە سەنئەت تۇيغۇسى كىشىلەرنى ئاسانلا جەلپ قىلىدىغان بىر مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن ئەھۋالىمىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىشىگە سەۋەبچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندە چىقالمايۋاتقان ئاۋازلارنى ياڭرىتىدىغان بىر كۈچلۈك سادا بولۇۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى داۋاملىق دۇنياغا تونۇتۇش بىزنىڭ پەقەت زۇلۇم ئاستىدا قالغان بىچارە مىللەت بولماي، بەلكى مول مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تېخىمۇ يورۇتۇپ، بۇ مەدەنىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى پىدائىيلارنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئۇچراۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا خەندان خانىمنىڭ «ئوتقا قايتىش» ناملىق شېئىرىنى سۇندۇق.