ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھالاك قىلىۋاتقان «T shekillik ئۈزۈك» (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرى ۋە ۋەھشىيانە شەكىللەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى كۈچلۈك رەۋىشتە «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغماسلىق ئۈچۈن «T shekillik مىس پۇرژىنىلىق ئۈزۈك» نىڭ ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرى قوللىنىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۈزۈكنىڭ ئۇلارنىڭ زەھەرلىنىپ تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى ھەتتا مەڭگۈلۈك تۇغماس بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«دۇنيا» گېزىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاي ئازسانلىق مىللەتلەرگە تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە» ناملىق خەۋەردە دوكتور جۇئاننې سىمىت فىنلېينىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بۇ ئېنىقلا دەۋرىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇ، بىر دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك قاتىللىق ئەمەس، بەلكى ئاستا-ئاستا، ئازابلىق، سوزۇلۇشچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق».

رادىيومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى، بىر قىسىم تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئاياللار دوختۇرى ۋە بۇ خىل قورقۇنچلۇق ۋاسىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسپاتلىق گۇۋاھلىقلىرى، ھامىلىدارلىقنى چەكلەشتە «T shekillik ئۈزۈك»، يەنى پلاستىكقا مىس پۇرشېنن ئورالغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىدىن ئىبارەت جان ئالغۇ ئەسۋابىنىڭ دەل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرى ھالدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش «ئۈزۈكى» نى قوللانماسلىق تاللىشى يوق بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئورنىتىلغان بۇ مېتال ئەسۋابنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ياكى زىيانلىق تەرەپلىرى ئېنىق چۈشەندۈرۈلمىگەن. بەدىنىگە بۇ ئەسۋابنى ئورناتقان ئاياللار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان. دوختۇرلار ۋە بۇ ھامىلىدارلىق ئەسۋابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شاھىتلارنىڭ ئىسپات بېرىشىچە، ئىشلىتىش ۋاقتى ئون يىل دېيىلگەن بۇ مىس مېتاللىق ئەسۋاب ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بەدىنىدە مىستىن زەھەرلىنىش، چىرىش ۋە ياللۇغلىنىش ۋە باشقا كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارتىپ ھاياتى ۋە روھىيىتىنىمۇ ھالاك قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ھازىر گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان ئەكبەر ئەپەندى ئايالى ئادالەت كېرىم بىلەن ئىككى قىزىنى ئېلىپ 2017-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ قېلىشىغىمۇ دەل مەجبۇرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەب بولغان. مايتاغدا چوڭ بولۇپ ۋە شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ 2008-يىلى توي قىلغان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىككىنچى قىزى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئادالەتكە 2013-يىلى، «T shekillik ئۈزۈك» نى قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

ئەكبەر، ئايالىنىڭ ساغلىقى ۋە بەختلىك ئائىلىسىگە بۇ خىل زەھەرلىك ئۈزۈكنىڭ ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ، ئۈزۈك سالغاندىن باشلاپلا ئايالىنىڭ بېلى قاتتىق ئاغرىيدىغان، مىجەزى ئۆزگىرىپ ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئايالىنىڭ سالامەتلىكى بارغانچە ناچارلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرى تۈركىيەگە چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئەكبەر يەنە، گەرچە كېيىن ئادالەت ئۈزۈكتىن قۇتۇلۇپ، سالامەتلىكىمۇ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، 2019-يىلى قايتا ھامىلىدار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئايلىق ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىنى ئايالىنىڭ ئىچىدە يىللارچە ئۇنى زەھەرلىگەن ئۈزۈكنىڭ يامان تەسىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرغۇنلىغان مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە شەھەر نوپۇسىغا 2، يېزا نوپۇسىغا 3 بالىلىق بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ ئارىلىقىغا مەخسۇس مۇددەت بەلگىلەنگەن. يەنى بىر بالىنى تۇغۇپ بولغان ئاياللار ئىككىنچى بالىنى ئېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 3 يىل ساقلىشى كېرەك. بۇ ئارىلىقتا چوقۇم ھامىلىدارلىقتىن ۋاقىتلىق ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. شەھەر نوپۇسىدىكىلەر 2 پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكىلەر 3 پەرزەنتلىك بولۇپ بولغان ھامان مەڭگۈلۈك تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلىش بەلگىلەنگەن ھەمدە بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا ناھايىتى قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن مەجبۇرى يوسۇندا داۋام قىلماقتىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى تۇغماس قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سېلىۋاتقان ئۈزۈكنىڭ دەل مۇشۇ خىل شەكىلدىكى «ت تىپلىق ئۈزۈك» ئىكەنلىكىنى، دوختۇرلارنىڭ بۇنىڭ مۇددىتىنى 10 يىل دەپ بېكىتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئۈزۈكنى سالدۇرغان ئاياللاردا ئېغىر راھەتسىزلىك ۋە كېسەللەر كۆرۈلسىمۇ، ئۈزۈكنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن 5 ئورۇننىڭ تامغىسى ۋە رۇخسىتى بولۇشى شەرت قىلىنىپ، دوختۇرلارنىڭ ئۇنى ئېلىپ قويمايدىغانلىقنى، ئەنە شۇ سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جېنى قىينىلىۋاتقانلىقى ۋە ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، مەڭگۈلۈك تۇغماس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە كىمكى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە تەدبىرىگە قارشىلىق قىلسا ۋە ماسلاشمىسا ئېغىر جازالىنىدۇ، جەرىمانە تۆلىگەندىن باشقا خىزمىتىدىن ئايرىلىش، لاگېرغا قامىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قالىدۇ.

زۇمرەت داۋۇت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغۇتنى چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» دەپ ئوچۇق تەكىتلىدى. زۇمرەت ئىلگىرى ئۆزىمۇ ئىككى ئاي لاگېرغا قامالغان، مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىش شەرتى بىلە خىتاي چېگراسىدىن چىقالىغان. ئۇ پاكىستانلىق ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن ئاۋۋال پاكىستانغا، ئارقىدىن بۇلتۇر 4-ئايدا ئامېرىكاغا كەلگەنىدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا، 2014-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە جەمئىي 25 يىلغا يېقىن ئاياللار ساغلاملىقى دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان گۈلگىنە خانىم ئۆزىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇش تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مىس پۇرژىنىلىق «T shekillik ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى» گەرچە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان ئەسۋاب بولسىمۇ ئەمما تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەش جەريانىدا بۇ خىل مىس ئورالغان ئۈزۈكنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئايلاردا ئۇچرىتىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى:

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدە 10 يىل تۇرۇپ تۈركىيەدىكى ئاياللارغا T shekillik ئۈزۈك ئىشلەتكەنلەرنى كۆرمىدىم. يوق، بەلكىم چەكلەنگەن بۆلىشى مۇمكىن. پەقەت خىتايدىلا بۆلىشى مۇمكىن. ئەسلى ئۇ خىل تىپلىق ئۈزۈكنى ئىشلىتىش بەك خەتەرلىك. ئاياللارنى ناكا قىلىش بىلەن باراۋەر».

گۈلگىنە خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل «T shekillik ئۈزۈك» ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولى، يەنى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، ئاياللارغا بۇ خىل ئۈزۈك سېلىنغان كېيىن ئۇلار پۈتۈنلەي تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىنغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولى زەخىملىنىپ ياللۇغ پەيدا بولۇپ ئىششىش، شەلۋەرەش، يىرىڭداش كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلاشسا ئۆسمە-راكقا ئۆزگىرىپ قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

بۇ خىل ئۈزۈك بەك سۈپەتسىز بولۇپ ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولىغا سېلىنغاندىن كېيىن، مىس پورژىن تۇخۇم توشۇش نەيچە يولىغا پېتىپ كېتىدۇ ھەم ھەر تۈرلۈك زەھەرلىنىش ۋە ياللۇغ پەيدا قىلغاندىن باشقا روھىي ھەم پسىخولوگىيىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىبۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنى ئىشلىتىدۇ.

«T shekillik ئۈزۈك» نىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەردىنمۇ سوراپ كۆردۇق.

ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتى ھامىلىدارلىق ۋە ئاياللار ساغلاملىقى مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور گلورىيا خانىمنىڭ جاۋابلىرىدىن بۇ خىل ئۈزۈكنىڭ ئامېرىكادا چەكلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئاياللار دوختۇرى، يەنى گىنېكولوگىيە دوختۇرى گلورىيا خانىمغا، مەلۇم ئۇيغۇر بىمارنىڭ بالىياتقۇسىغا مەجبۇرى ئورنىتىلىپ 10 يىلدىن كېيىن، 4 يېرىم سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلىنغان پورشېنلىق مېتال ئورالغان، T shekillik بۇ تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنداق سورىدۇق:

مۇخبىر: بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى(قەشقەر تەرەپلەردىكى) شەھەر-يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرى ھالدا كەڭرى ئىشلىتىلىدىكەن، يەنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇت چەكلەشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. ئامېرىكادىمۇ بۇ خىل T shekillik ئۈزۈك ئىشلىتىلەمدۇ ؟

دوكتور گلورىيا: «بىزدىمۇ T shekillik پاراگارد ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى ئىشلىتىلىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش مۇددىتى بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق، ئوخشىمايدۇ، T shekillik ئۈزۈك. ئەمما مەن ھېچ قاچان بۇ خىل مىس ئورالغان تىپتىكى تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بۇنداق مېتال ئورالغان تىپتىكىلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ».

مۇخبىر: ئامېرىكادا بۇ خىلدىكىسى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن يوقمۇ ؟

گلورىيا خانىم: شۇنداق.

مۇخبىر: سەۋەبى نېمە ؟

گلورىيا خانىم: سەۋەبىنى بىلمەيمەن، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل تىپتىكى ئۈزۈك سېلىنغان ئاياللار ئۇچراپ باقمىدى. بىز ئامېرىكادا پەقەت پېراگارد تىپلىقنى قوللىنىمىز پەقەت خىتايدا بۇ خىلى ئىشلىتىلىدىكەن، ئامېرىكادا بۇ خىل تىپتىكىسى بولمىغاچقا باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر نېمە دەپ بېرەلىشى ناتايىن.

ھالبۇكى ئامېرىكالىق دوختۇرنى شۈركۈندۈرگەن بۇ «T shekillik» ئەسۋاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ئەسۋابتۇر.