شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى پىنگىۋىن نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل 2017-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان يۇقىرى تېخنىكالىق باستۇرۇشلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. 1-ئاۋغۇست كۈنى ئۇنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يازغان «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى خەلقئارادىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN America) بىلەن پىنگىۋىن نەشرىياتى بىرلىكتە مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەتتە كىتاب ئاپتورى تاھىر ھامۇت بىلەن بۇ كىتابنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان دوكتور جوشۇئا فرىمان (Joshua Freeman) ، نەق مەيداندا ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاپتور تاھىر ھامۇت ئەپەندى، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خادىمى نادىنە فارىد خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ روياپقا چىقىش جەريانى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋابەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ماقالىلەرگە سىغمايدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى يازغانلىقى، شۇنداقلا ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ تىراگېدىيەسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي يورۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى
شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى (Penguin Press)

ئۇ، مەزكۇر كىتابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب ۋە نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە بەرگەن بىر قانچە مىساللىرى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا نېمىلەرنى ھېس قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى يورۇتماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاپتور «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق بۇ ئەسلىمە خاراكتېرلىك كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا قانداق قىلىپ بىر-بىرلەپ تۇيۇقسىز غايىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېكايە شەكلىدە ئاڭلاتقان. كىتابقا يەنە شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ شېئىرلارنىڭ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق، شېئىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقنى بىلدۈردى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ يېڭى چىققان كىتابنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە ھېس قىلغان بەزى نۇقتىلار ھەققىدە سوئال سوراشتى.

تاھىر ھامۇت ئەپەندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ھەققىدە ئۆزىگە يازغان ئىنكاسلار ھەققىدە توختىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە تۈرلۈك نۇقتىلاردىن تەسىرات ئالغانلىقىنى، بۇنى كىتابنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بىر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ئۇنى مۇشۇنداق بىر تىراگېدىيەنى قەلەمگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىققان بىر قانچە ئوقۇرمەندىن بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىدۇق. ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان چاغدىكى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ 11 ياش ۋاقتىدا ۋەتەندىن ئايرىلغان چاغدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئېسىگە سالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان شائىر تاھىر ھامۇت، 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكادا ئۆز ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.