ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن كېيىن جىددىلىشىۋاتقان تەيۋەن مەسىلىسى

0:00 / 0:00

مۇتەخەسسىسلەر تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 20 - ئىيۇلدىكى «2 ئاي ئىچىدە ئامېرىكانىڭ 3 ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەنگە كىردى» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 19 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ K-130 ماركىلىق ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەنگە قونغان. بۇ مۇشۇ 2 ئايدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە كىرگۈزگەن ئۈچىنچى ھەربىي ئايروپىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا قارىتا تېخى ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. پەقەت «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىنجىن 20 - ئىيۇل كۈنى «چوڭ قۇرۇقلۇق ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغاننىڭ ھەممىنى ئاگاھلاندۇردى، دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىنى دەپ بولدى، ئەمدى نۆۋەت ئەمەلىي ھەرىكەتتە» دېگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي «شىنجاڭنى تىزگىنلەپ، خوڭكوڭنى باستۇرۇپ، تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرىنى كۈچەيىتكەن» دىن كېيىن، ھىندى - تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايغا قارشى ھەربىي بىرلىكسەپ شەكىللەندۈرگەن. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە 2021 - يىللىق «دۆلەت مۇداپىيە ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ، «تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق جاكارلىغان. بۇ سۆز «تەيۋەن ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ كەلگەن خىتاي ئۈچۈن «زور ھاقارەت» بولغان. تەيۋەنمۇ دېپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، بۇ يىل ئۆكتەبىرگىچە لېتۋادا «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» نى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى، خوڭكوڭدا ئەركىنلىكنى چەكلەپ، دېموكراتىيەنى ئاياق ئاستى قىلىشى، ئارقىدىن ھەربىي مانىۋېرلار ئارقىلىق تەيۋەنگە بارغانسېرى قاتتىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى، غەرب بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى خېلىلا بۇزغان. خىتاينىڭ نارازىلىقى ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تەشەببۇسىدا بولماقتا. بىراق گېرمانىيە يەنىلا تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرماقتا.

20-ئىيۇل «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا بېرىلگەن «گېرمانىيە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا ياخشى كۆرۈنمەكچىمۇ؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى ئالدىنقى كۈنى «گېرمانىيەنىڭ تەيۋەن قورقۇنچاقلىقى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلغان. ئوبزوردا مۇنداق جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «ئەگەر تەيۋەندىكى دېموكراتىك تۈزۈلمە ھالاك بولسا، بۇنىڭ تەسىرى سىمۋوللۇق خاراكتېر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ - يوق، خوڭكوڭلۇقلار ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدىمۇ - يوق، تەيۋەن ھەربىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتامدۇ - يوق، بېرلىن ھۆكۈمىتى پۈتۈن بۇلارغا نىسپەتەن كۆز يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ كەلدى».

ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە گەرچە ھىندى - تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستاندىن ئىبارەت خىتايغا قارشى 4 تەرەپنىڭ ھەربىي بىرلىك سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، «باۋارىيە» ماركىلىق ھەربىي پاراخوتىنى ھىندى ئوكيانغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ پاراخوتنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا كىرىپ، خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشىدىن ھېلىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە گېرمانىيە «قورقۇنچاق» لىقتا ئەيىبلەنگەن.

تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرى كۈچەيگەنسېرى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىنلىشىپ بارماقتا ئىكەن ھەمدە ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى ئۆزلىرى بىلەن سىياسىي تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولغان تەيۋەننى قوغداشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

پىشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش قارا نىيىتى سەۋەبىدىن كېلىچەكتە غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

20-ئىيۇل گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «خوڭكوڭ رادىيوسىدا ‹تەيۋەن پرېزدېنتى›، ‹جۇڭخۇا مىنگو› چەكلەندى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى «بىر خىتاي پرىنسىپى» غا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىدا تەيۋەن پرېزىدېنتىنى «رايوننىڭ رەھبىرى» دەپ ئاتاشنى، «جۇڭخۇا مىنگو» ۋە «تەيۋەن دۆلىتى» دېگەن نامنى «تەيۋەن رايونى» دەپ ئېلىشنى، «تەيۋەن دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى» نىڭ ئورنىغا «تەيۋەن مەمۇرىي ئورگىنى» دېگەن ئىبارىنى قوللىنىشنى يولغا قويغان.