تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنىڭ ئەھمىيىتى

0:00 / 0:00

2022-يىلى 30-دېكابىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى. مەزكۇر قارار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئاردىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار تەيۋەننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى سېپىغا قوشۇلغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەن.

تەيۋەن «شەرقىي تۈركىشتان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قارار 27-دېكابىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، 30-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر لاگىر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇنننىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان «بارسا كەلمەس يەر» ناملىق كىتاپنىڭ خىتايچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ قارارنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئەنگىلىيە پارلامېنتى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە بېلگىيە پارلامېنتى قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى، مەسىلەن، ‹قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى لاگېرلارنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى› دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى بۇ قارارنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.»

تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋاڭ دىڭيۇ تەيۋەن قانۇن چىقىرىش ئورنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2022-يىلى 30-دېكابىر، تەيبېي.
تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋاڭ دىڭيۇ تەيۋەن قانۇن چىقىرىش ئورنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2022-يىلى 30-دېكابىر، تەيبېي.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ بىلەن باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت بۇ قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىدە ئىنتايىن چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئەسلى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى» گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى، تەيۋەن پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىر يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ بۇ قارارنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىدە مەلۇم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر قارار يەنە تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان باشقا قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قاراردىن ئۆتۈشىگە يول ئاچىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار لايىھەسى تەيۋەن پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدىكى كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قارار لايىھەسىدىن كېيىن، تەيۋەندىمۇ ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى لايىھەسى›نىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكادا ماقۇللىقتىن ئۆتكەن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قاراردىن ئۆتكەن ‹سودا شىركەتلىرىنىڭ مەسۇلىيەت قانۇنى›غا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەلەرنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆركەش دۆلەت يەنە تەيۋەن پارلامېنتىدا ماقۇللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزكۇر قاراردىن كېيىن، باشقا قانۇن لايىھەلىرىنىڭمۇ تېزلىكتە قاراردىن ئۆتۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تەيۋەندە مەزكۇر قارارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىنغان يېڭى بىر قەدەم» ئىكەن.

تەيۋەن پارلامېنتىدا ماقۇللانغان بۇ قارار لايىھەسى تەيۋەن پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ تەرىپىدىن سۇنۇلغان. 27-دېكابىر كۈنى 14 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىردەك قوللاپ ئىمزا قويغان بۇ قارار لايىھەسى، تەيۋەن پارلامېنتىدا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي ئاۋازدىن ئۆتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماقۇللانغان قارارنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ قارار تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى دەپ بىلىدىغان دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە تەيۋەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.