تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ باياناتى: «شەرقىي تۈركىستان تارىختا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان ئەمەس!»

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەنمەكتە.

مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» بىلەن «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنىگە بېغىشلاپ ئېلان قىلغان مەخسۇس قوشما باياناتى، ئالاھىدە دىققەت چەكمەكتە.

11-نويابىر كۈنى، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىدە، تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» بىلەن «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى تىلدىكى مەخسۇس باياناتى ئېلان قىلىنغان. باياناتتا، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا؛ تارىختىكى مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» (TETA) نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ (何朝栋) ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنى ئېيتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىي ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ توغرىلىق ئالاھىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى تىلىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ باياناتتا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى تەبرىكلەش ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان تەيۋەن خەلقىگە مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى خاتىرىلەتمەكچى بولغان:

«بىز بۇ باياناتتا، پەقەت ئىگىلىك ھوقۇق بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدۇق. تارىختىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا. ھازىرقى ئاتالمىش ‹​​شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› ئەمەلىيەتتە قۇرۇق نامىلا بولغان، ھېچقانداق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس بىر ئۆلكىدۇر. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ قاتمۇقات زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ ئىش قىلالمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ 1933- ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىشىمىز، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئويغىنىپ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى ۋەزىيەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، پەرق ناھايىتى چوڭ، ئەمما شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، پەقەت ئۆز دۆلىتى، ھاكىمىيىتى ۋە ئارمىيەسى بولغاندىلا، ئاندىن ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ياكى كىملىك ​​جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە قادىر بولالمايۋاتقان بىر قىيىن ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلىتى بولغانلىقىنى ئەسلىتىشىمىز ياكى بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئويغىنىشقا چاقىرىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمەن.»

مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «شەرقىي تۈركىستان (يەنى بۈگۈنكى ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى›) قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان ھېچۋاقىت خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان ئەمەس! بۇنىڭدىن 140 يىل بۇرۇن مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ گېنېرالى زو زوڭتاڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، يەنى 1884-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئۆلكىسى›نى تەسىس قىلغان. خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) قۇرۇلغان مەزگىللەردە، يەنى 1933-ۋە 1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلانغان. بۇ مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدۇر! بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى، يەنى 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇكەممەل ھۆكۈمەت سىستېمىسى، ئارمىيە، دۆلەت تىلى ۋە ئۆز ئالدىغا پۇل بىرلىكى بار ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ياش جۇمھۇرىيەت خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىش بىرلىكى نەتىجىسىدە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يوقىتىلدى. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىك يادروسىمۇ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئاتالمىش ‹ئايروپىلان ۋەقەسى› بىلەن يوق قىلىندى».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» بىلەن «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» بىرلىكتە ئېلان قىلغان بۇ بايانات ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بايانات تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇنۇلار ئېيتىلغان. «2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى›، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرىغا قامىلىشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق ۋەھشىي سىياسەتلىرى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى، شۇنداقلا ئوندىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى (تەيۋەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، ئۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېلان قىلدى. 2021-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ھۆكۈم چىقاردى. 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئۇيغۇر رايونى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىدە، بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان رەزىل قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەندىن باشقا يەنە جەمئىيىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. چۈنكى پەقەت ئىگىلىك ھوقۇقى بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار شۇندىلا كوممۇنىست خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، تارىختىكى مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ!»

ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز مۇستەقىللىقى يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن:

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى ئۆز دۆلىتى بولغان، ئەمما كېيىنچە ئۇنى يوقىتىپ قويدى. ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرالىغان ئۇيغۇرلار، ھازىر نېمىشقا قۇرالمايدۇ؟ تەيۋەننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ھازىر خەلقئارادىكى ئورنى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كۆپلىگەن ئەللەر خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا تەيۋەن رەسمىي بىر مۇستەقىل دۆلەتتەك مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ نۇقتىلاردا بىز بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز بىرلىكتە بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇپ، تولۇق مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.»

تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» بۈگۈنگە قەدەر چەت ئەل پارلامېنتلىرىدا ھەر خىل ناملاردا قۇرۇلغان سەككىزىنچى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دۇر. 2024-يىلى تەيۋەن پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان شېن بوياڭ ئەپەندى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تەيۋەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر تەيۋەن بۈگۈن ئورنىدىن تۇرمىسا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بولمايدۇ!»