يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك داڭلىق تور چولپانلىرى ۋە بىلوگېرلارنى، شۇنداقلا ئاكادېمىكلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، «گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىغا سالغاندىن باشقا، تەيۋەنلىك كارخانىچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى تەيۋەندىكى خىتايپەرەس كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەشكىللىك ھالدا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
«تەيبېي خەۋەرلىرى» تورى 6-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندىكى تور چولپانلىرى ۋە كارخانىچىلار خىتاي كومپارتىيەسى تەشكىللەۋاتقان ساياھەت ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىگە قىزىقىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا بارماسلىق ۋە خىتايدا سودا قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ھۆكۈمەت باياناتچىسى شيې زىخەن، خىتاينىڭ تەيۋەنلىكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە چاقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق شەخس ياكى كارخانا ئۇ جايغا بارسا، ئۆز نامىنى ۋە ئوبرازىنى بۇلغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئاۋۋال تەيۋەنلىك داڭلىق تور چولپانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلغان. چۈنكى خىتاي ئىلگىرى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ، تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغان تەقدىردە ئۇ جايدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللانغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نى قۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كاللىسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تەيۋەن دېموكراتلىرىلا ئەمەس، خىتايغا مايىل گومىنداڭچىلارمۇ چۆچۈگەن؛ خىتاي بۇ قاراشنى ئۆزگەرتىش، تەيۋەنلىكلەرنىڭ قورقۇنچىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال تەيۋەنلىك تور چولپانلىرىنى كۆپلەپ دەۋەت قىلىپ، «گۈزەل شىنجاڭ، بەختىيار شىنجاڭ» مەنزىرىسىنى كۆرسىتىشكە كۈچىگەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ خىتاينىڭ ئەمدى تەيۋەنلىكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشقا قىزىقتۇرۇشىدىكى سەۋەبنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى ۋە ئۇ يەردە سودا قىلىشىنى خالايدۇ. چۈنكى بىر جەھەتتىن، خىتاي ئىقتىسادىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا خىتاي ئۇ رايوندا سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە موھتاج. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇلارنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئەھۋالنى، يەنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقچى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ۋە مۇخبىرلار ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى تولۇق كونترول قىلغان؛ ئاندىن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خەلقئارانىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئىنكار قىلغانىدى».
«تەيبېي خەۋەرلىرى» تورىدا چىققان بۇ خەۋەردىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، تەيۋەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى ئەزاسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تەيۋەنلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارىدىكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا شىركەت قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىغا تەيۋەن شىركەتلىرىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ، مال توشۇشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ كوممۇنىست خىتاينىڭ ھەر دائىم ما يىڭجيۇغا ئوخشاش گومىنداڭچىلارنى يېنىغا تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇلى دائىم ‹ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، بۇنى يېنىغا تارتىش تاكتىكىسى› بولۇپ كەلدى. يەنى ئۇلار خىتايغا يېقىنراق بولغان گومىنداڭچىلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە تارتىپ كەلدى. تەيۋەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ما يىڭجۇ تەرەپدارلىرى كوممۇنىست خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تەيۋەننىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ، تەيۋەننى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي يەنە خىتايدا چوڭ سودىسى بار تەيۋەنلىك سودىگەرلەردىن پايدىلىنىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدە، خىتاي، تەيۋەنلىكلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ‹ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش› ئىدىيەسىنى بازارغا سالىدۇ».
رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمى 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى خىتايدىكى تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنى «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» قا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشقا قىزىقتۇرماقچى بولغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق، خەلقئارانىڭ رۇسىيەنى قوللاۋاتقان خىتاينى ئەيىبلىشىدىن، شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» غا چەكلىمە قويۇشىدىن ساقلانماقچى بولغان. ئەگەر تەيۋەنلىك كارخانىچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا شىركەت قۇرسا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىغا تەيۋەننىڭ ماركىسى چاپلىنىدىكەن-دە، خىتاينىڭ «ئۈچىنچى قول ئارقىلىق مال يۆتكەش» غەرىزى ئەمەلگە ئاشىدىكەن. بۇ ھەرىكەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يەردە تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىشتىكى غەرىزىنىڭ دەرۋەقە خەلقئارانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى ئېغىر، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى قوللاندى. خىتايمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىش ۋە جازا چەكلىمىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە؛ خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پاكىتلارنى يوشۇرۇپ، ھەق ناھەقنى ئاستىن قىلىپ كەلمەكتە. بۇلار ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلانغان رېئاللىق ۋە پاكىتلار بىلەن سىغىشمايدۇ».
«تەيبېي خەۋەرلىرى» تورىدا چىققان بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەيۋەنلىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاينىڭ بوشاپ قىلغان ئىقتىسادىغا، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن مەبلەغنىڭ ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنىڭ ئوبيېكتلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا، «تەرەققىي قىلىۋاتقان تىنچ، باياشات شىنجاڭ» مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2-قەدەمدە تەيۋەنلىك كارخانىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇشتىكى غەرىزى، تەيۋەن شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىدىن پايدىلىنىش. چۈنكى ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ياخشى بولغاچقا، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا چىقىرىشقا ئۇلارنى شېرىك قىلماقچى بولغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى خىتايپەرەس تەشۋىقاتچىلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدىن سىگنال بېرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، بىر ياقتىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىش ئارقىلىق قانداقتۇر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىدىكى سۇيىقەستىنى بىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا قارشى ھوشيارلىق بىلەن تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.