يېقىندا قىرغىزىستان كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تاجىكىستاندا ئۆتىدىغان نۆۋەتتىكى ھەربىي مەشىقلىرىگە قاتنىشىشتىن باش تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان ئۆزئارا قارىمۇ-قارشىلىقلىرى سەۋەب بولغان.
رۇسىيەنىڭ «يېڭىلىقلار» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قىرغىزىستان ‹سوۋۇمىغان قان› سەۋەبىدىن كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تاجىكىستاندا ئۆتىدىغان ھەربىي مەشىقلىرىگە قاتنىشىشتىن باش تارتتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ باش مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئېدىل بايسالوف مەملىكەت ھەربىي كۈچلىرىنىڭ «چېگرا-2022» دەپ ئاتالغان مەشىقلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاساسىي سەۋەب سۈپىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلارنى كۆرسەتكەن.
ئېدىل بايسالوف قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىدا ھېچ بىر گۇماننىڭ يوقلىغىنى، ئۇنىڭ نىزامنامىسىنى، قائىدە ۋە ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قوشنا تاجىك ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ بۇ مەشىقلەرگە قاتنىشىشىنى قىرغىز جامائەتچىلىكى قوللىمايدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي مەشىقلەر 17-21-ئۆكتەبىر ئارىلىقىدا تاجىكىستاننىڭ خاربمايدون مەشىق مەيدانىدا ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىڭغا يېقىن ئادەم ۋە 300 دىن ئوشۇق ھەربىي ۋە مەخسۇس تېخنىكا قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئۆتىدىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەزالىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، مەملىكەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10-14-ئۆكتەبىردە بالىقچى رايونىدا ئورۇنلاشقان «ئېدېلۋېيس» مەشىق مەركىزىدە پىلانلانغان كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ «بۇزۇلماس قېرىنداشلىق-2022» ناملىق ھەربىي مەشىقلىرىنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھەل بولمايۋاتىدۇ؟
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى بۇ توقۇنۇشنىڭ تارىخىي ئاساسلىرى بار ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن تارتىپ بۇ چوڭ تېررىتورىيەدە ھەر خىل خەلقلەرنىڭ، مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىمپېرىيەلىرى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلەرگە بۆلۈنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بولسا ئايرىم ئۆزبېكىستان، ئايرىم قىرغىزىستان، ئايرىم تاجىكىستان مەۋجۇت. ئۇلار ئۆز ئۈستىدىن بىرەر ھۆكۈمرانلىقنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش مەسىلىسى تۇرۇپتۇ. بۇ مەسىلىلەرنى پەقەتلا ئۆز ئارا بېقىنىش يا بولمىسا بىرى چوڭ بولسا، بىرى كىچىك بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇش كېرەك. بىزدە بۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تالاش-تارتىشلار يەنىمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنى ھەل قىلىدىغان بىرەر كۈچ تېخى يوق. قىرغىزىستان ئۆزىنىڭ رۇسىيەگە بولغان رەنجىشى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن جاپاروف پۇتىننىڭ تەۋەللۇتىغا بارمىدى. قىرغىز-تاجىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاماللىرىنى مەن ھازىرچە كۆرمەيۋاتىمەن. مېنىڭچە، بىرەر يېڭى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە قۇرۇلمىغىچە مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ھازىرچە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ».
خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، 7-ئۆكتەبىردە قىرغىزىستاننىڭ تاجىكىستاندىكى ئەلچىسى تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىدارىسىگە چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق نوتىسى تاپشۇرۇلغان. بۇ ۋەقەنىڭمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇنىڭغا تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامالى راخموننىڭ رۇسىيە ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەتبۇئات خىزمىتى باشلىقى چىڭغىز قۇستېبايېفنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشى سەۋەب بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ فەيسىبوك سەھىپىسىدە تاجىكىستان رەھبەرلىكىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە رازىمەنلىكىنى بۇزۇۋاتقانلىقتا ئەيىبلىگەن.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇراقلىققا ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ چېگرا چاتاقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ يىللاردا ستالىن باشلىق موسكۋادىكى كوممۇنىستلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن مۇزاكىرىلەشمەي، خالىغىنىچە بۇ خەلقلەرنىڭ چېگرا-يەر مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرى يەشكەن. مۇشۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلى كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى ئاللىقاچان يېشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىدى. سەۋەبى بۇ كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى ۋە تىنچلىق، دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمنى قولغا كەلتۈرۈشلىرى كېرەك».
تاجىكىستان-قىرغىزىستان چېگراسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار بولۇپمۇ 2014-يىلدىن بۇيان كۈچىيىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يەر جېدىلى سەۋەب بولغان. ئاخىرقى قېتىم مۇنداق توقۇنۇشلار مۇشۇ يىلى 16-سېنتەبىردە ئورۇن ئېلىپ، ئىككى كۈنگە سوزۇلغان ئوق ئېتىشىشلار داۋامىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم چىقىملىرى بولغان. بۇ توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
