خىتاينىڭ تاجىكىستانغا سىڭىپ كىرىشى كۈچەيمەكتە
2022.12.30

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي، سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھەسى دائىرىسىدە بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن گاز ۋە نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشقا تىرىشماقتا. ئۇنىڭ شۇنىڭدەك تاجىكىستانغىمۇ سىڭىپ كىرىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
تاجىكىستاننىڭ «ئاۋېستا» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تاجىكىستان ۋە خ خ ج ئارىسىدىكى سودا ئوبوروتىنىڭ مىقدارى رېكورتلۇق كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە تاجىكىستان ۋە ئۇيغۇر-ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بويىچە كومىسسىيەنىڭ مۇزاكىرىسى بولۇپ ئۆتكەن.
مۇزاكىرە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى زاۋكى زاۋكىزودا ۋە ئۇيغۇر-ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى سۇن خۇنمېنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆتكەن. ئۇنىڭدا مەبلەغ سېلىش، سودىنى، شۇ جۈملىدىن تاجىكىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىدىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي ئەتتۈرۈش، دۈشەنبە-كۇلما چېگرا رايونى ئارقىلىق يۈك توشۇش مىقدارىنى كۆپەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە شۇنىڭدەك دۈشەنبە-كۇلما ئاپتوموبىل يولىنى سېلىشقا خىتاي مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىش، بىرلەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.
زاۋكى زاۋكىزودا ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى تاۋار ئوبوروتى ھەجىمىنىڭ مۇشۇ يىل يانۋار ئېيىدىن نويابىرغىچە 42.3 پىرسەنتكە، يەنى ئۆتكەن يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 1.95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى 2-چوڭ شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇزاكىرە داۋامىدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىرلەشكەن مەھكىمە قۇرۇش نىيىتىدە تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى «داڭارا» ئەركىن ئىقتىساد رايونىنى زىيارەت قىلغان.
يەنە شۇ يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «تاجىكىستان ۋە خىتاي جىنايەتكە قارشى كۈرەش قىلىشتا ھەمكارلىشىشنى مۇھاكىمە قىلدى» ناملىق ماقالىدا 22-دېكابىردا دۈشەنبىدە مەزكۇر مەسىلە بويىچە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچراشقانلىقى ئېيتىلغان. تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋابكار خادىملىرى جىنايەتچىلەرگە قانداق بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.
ئەمدى رۇسىيەنىڭ «پايوم نېت» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ئەلچىخانىسى سايىدجافار ئۇسمونزودانىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىش ھەققىدىكى بىلدۈرۈشىگە جاۋاب قايتۇردى» دېگەن ماقالىدا تاجىكىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سايىدجافار ئۇسمونزودا تاجىكىستان دۆلىتىنى خىتايدىن يىراقلىشىپ، رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي يا بولمىسا باشقا بىر ئەلنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قاراپ، ھەرىكەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. مۇبادا ھاجەت بولسا، ئۆزلىرى كېلىدۇ. ئەكسىچە، بىز خىتايدىن بىر قەدەم چېكىنىشىمىز لازىم. ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىئىنەزەردىن خىتاي قۇدرەتلىك دۆلەت. خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى تەسىرى بىزنىڭ ئېلىمىز ئۈچۈن خەۋپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز بۇ مەملىكەتتىن ئالغان قەرزلەر كېلەچەكتە خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن».
خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ئەلچىخانىسى ھۆكۈمەتكە يوللىغان خېتىدە سايىدجافار ئۇسمونزودانىڭ بىلدۈرشىنىڭ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى روھىغاجاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «تاجىكىستان ئەسلى ئۇيغۇرىستان (شەرقىي تۈركىستان) بىلەن چېگرىداش. ئۇ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تاجىكىستاندا خىتاينىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولاتتىم. چۈنكى تاجىكىستاننىڭ بىر يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىگە قارىساق، شۇنىڭ 20 پىرسەنتتىن ئوشۇقى خىتايغا قەرز بولۇپ قالدى. ھازىر 30 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى. تاجىكىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئالتۇندىن باشقا بايلىقلار بار. تاجىكىستان بىرىنچى بولۇپ خىتايغا تاغلىق رايونلارنى بېرىۋەتكەن. خىتاي بىلەن زىچ ئالاقىدە. خىتاي ئىقتىسادىي كىرىپ سىڭىش ئارقىلىق تاجىكىستاننى ئۆزىگە ئەمەلىيەتتە بېقىندى قىلىۋالغان. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن ھەربىي بازىسى تاجىكىستاندا. خىتاينىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق پىلانى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا سىڭىپ بېرىش. ئاساسەن ئەڭ گۈزەل ۋە باي پەرغانە ۋادىسىنى قولغا چۈشۈرۈشنى خالايدۇ».
سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسى خېلى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا دېگەندەك ھېسداشلىق بىلدۈرەلمەيۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كۈچىمىز بىرلىكتە دەيمىز، بىراق ئۇ پەقەت قازاقىستان ئىچىدىكى بىرلىك ئەمەس، بەلكى تۈرك دۇنياسىنىڭ، تۈركىي تىللىق، تۇغقان خەلقلەرنىڭ، قوشنا ئەللەرنى بىرلىكى. بارلىقىنىڭ بىردەك پوزىتسىيەسى بولۇشى كېرەك. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا بولغان پوزىتسىيەمىز ئوخشاش بولۇشى شەرت. خىتايدىكى تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى بىر پىكىر قىلالمىدى. مۇبادا بىرەر پىكىر بىلدۈرگەن بولسا، ئۇ ياقتىكى قانداشلىرىمىز مۇنچىلىك تەقىبلەرگە ئۇچرىمايتتى. بىز شىمالدىن بولامدۇ يا شەرقتىن بولامدۇ، ھەر قانداق خەۋپكە بىرلىشىپ قارشى تۇرمىساق، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ياخشىلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ».
رىسبېك سەرسېنباي ئەپەندى كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاينىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكستاننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە كۆز سېلىش بىلەن بىر قاتاردا تاجىكىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەينى ۋاقىتلاردا تاجىكىستاندا كۆپ يىللار ئىلمىي خىزمەتلەردە بولغان، ھازىر ئىستانبۇل شەھىرىدە تاجىكىستان-خىتاي مۇناسۋەتلىرى ۋە تارىخ مەسىلىلىرى بويىچە ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئازاد ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەسى جەھەتتىن تاجىكىستاننى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ھەم بۇ جەھەتتە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي قەرەلسىز قەرز بېرىدۇ. ئۇنى بەرگەندە سىرتماققا دۇچار بولىدۇ. ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي قىلدى. تاجىكىستاننىڭ پىلانىدا يوق بەزى قۇرۇلۇشلارنى خىتايلار قىلساڭ بولىدۇ دېگەن. مەسىلەن، تاجىكىستانغا ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى ھېچ كېرەك ئەمەس. ئەمما خىتاي تەرەپ قىزىقتۇرۇپ، شەھەرگە يىراق ئەمەس يەردە قۇرۇپ بەردى. ئومۇمەن زۆرۈرىيىتى يوق قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، تاجىكىستاننى قەرز قىلىپ قويدى. قەرزگە پاتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ ياق دېيەلمىدى».
ئازاد ئەپەندى تاجىكىستاننىڭ كەچ بولسىمۇ بۇ قەرزدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى تاجىكىستان خىتايغا ئۆز يېرىدە ھەربىي بازا سېلىشىغا رەسمىي رۇخسىتىنى بەرگەن. بۇنىڭغا ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت سەۋەب بولغان. قەھرىمان غوجامەردە قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، تاجىكىستاندا رۇسىيە بازىسىمۇ بولۇپ، ئەمدى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتكە قاتتىق تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.