غۇلجىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.10.08
Enwer-Tursun-Taksim-SodaSariyi.jpg تۇتقۇن قىلىنغان تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا (سولدا) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەر (ئوڭدا).
Photo: RFA

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى 8-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجا شەھىرىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن سوت ئېچىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر تەۋەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلە ئەزالىرى قاتناشتۇرۇلمىغان ۋە ئادۋوكاتسىز ئېچىلغان بۇ سوتتا ھۆكۈم چىقىرىش 3 ئاي كېيىنگە قالدۇرۇلغان.

8-ئۆكتەبىر كۈنى رادىيومىزغا كەلگەن ئىمزاسىز بىر مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 8-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن غۇلجىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى، تۇتقۇن ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن سوت ئاچقان. ئەمما مەكتۇپتا، سوتقا كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە سوتتا قانداق ھۆكۈم چىققانلىقى قەيت قىلىنمىغان. ئۆتكەن ئايدا رادىيومىز ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەنۋەر تۇرسۇن ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ئەنۋەر تۇرسۇن غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ كوچا باشقارمىسى يېڭىھايات ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنى تۈركىيەدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭىھايات تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بەزى خىتاي خادىم ۋە ئاھالىلەر ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئوغلىنى تۈركىيەدە ئوقۇتقاندىن باشقا تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تاكسىم دېگەن يەر نامىنى غۇلجا شەھىرىدىكى دۇكىنىنىڭ نامى قىلىپ قوللانغانلىقى ئۈچۈن پانتۈركىزم مايىللىقى گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان؛ غۇلجا شەھىرىدىكى تاكسىم سودا دۇكىنى جايلاشقان بازار تەۋەلىكىدىكى بىر دۇكاندارمۇ ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ كانادادا ياشاۋاتقان ھەدىسى مۇنەۋۋەر، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىڭىللىرى مەرھابا ۋە پاتىمەلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنى تۈركىيەدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلماسلىق ئەيىبلىمىسى بىلەن ئۆتكەن يىلى 4 ‏-ئاينىڭ 29 ‏-كۈنى تۇتۇلغان؛ ئوغۇل ئەزىمەت ئەنۋەر بولسا ئۇنىڭدىن 3 ئاي بۇرۇن يەنى 1‏-ئاينىڭ 27 ‏-كۈنى تۇتۇلغان.

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى تۇتقۇن ئەنۋەر تۇرسۇن تەۋە بولغان يېڭىھايات ساقچىخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. يېڭىھايات ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، بۈگۈن، يەنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەنۋەر تۇرسۇن ھەققىدە سوت ئېچىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتقا، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ، ئەنۋەر تۇرسۇن تەۋە بولغان ئاچال ئاھالە كومىتېتى خادىملىرىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغان. ئادۋوكاتسىز ئېچىلغان بۇ سوتتا ھۆكۈم 3 ئاي كېيىن چىقىرىشقا قالدۇرۇلغان. سوتنىڭ جەريانىدىن يېڭىھايات ساقچىخانا خادىملىرىمۇ خەۋەرسىز قىلغان. بۇ خادىم، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تۈركىيە بىلەن سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ بولسا، خىتاينىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەنۋەر تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە كىملەرنىڭ سوتلانغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ تېخى سوتلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە 8-ئۆكتەبىر شەكلەن ئېچىلغان بۇ سوتنىڭ ئالدىدا تۇتقۇن ئەنۋەر تۇرسۇن غۇلجا شەھىرىدىكى بوز تۈرمىگە قامالغانىكەن؛ بۇ سوتتىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە بوز تۈرمىگە قامالغانلىقى ياكى باشقا جايغا يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.