بېيجىڭ ئافغانىستاننىڭ مېنىرال بايلىقلىرىغا كۆز تىكمەكتە

0:00 / 0:00

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 5-يانۋار ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتلىشىچە، بىر خىتاي شىركىتى ئافغانىستان بىلەن 540 مىليون دوللارلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كېلىشىم 2021-يىلى تالىبانلار ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن. «شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى» كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاساسەن ئامېرىكانىڭ ياردىمىگە تايانغان ئافغانىستان ئىقتىسادى 2021-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ۋە تالىبانلارنىڭ ئامېرىكا قوللىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى بىلەن ۋەيران بولغان. ھېچقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بۇ ھاكىمىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە ئافغانىستانلىقلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن مەبلەغ جەلپ قىلىشقا مۇھتاج بولغان. ئافغانىستاننىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىش نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى چىقىش يولى ھىسابلانغان.

تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خەلقئارالىق جازا تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلار تەبئىيلا غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ كان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمىغان. بۇ خىل سىياسىي ۋەزىيەت خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ ھەر ساھەسىگە مەبلەغ سىلىشىغا يول ئاچقان.

خىتاينىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ خىتاي شىركىتىنىڭ ئافغانىستان بىلەن يۇقىرى مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كېلىشىمى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، بۇ تۈرنىڭ ئىمزالىنىشىنى خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە باشقا ئاساسلىق تۈرلەردە ھەمكارلىشىشىدىكى بىر ئۈلگە، دېگەن.

تالىبانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى موللا ئابدۇل غەنى بارادار ئۆتكەن ھەپتە كابۇلدا ئېچىلغان توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدا، تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان ئۈچۈن سىجىل ئىقتىساد بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مارىلەند شىتاتى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى، خىتاي-ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى بويىچە تەتقىقاتچى ما خەييۈن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي-ئافغانىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋاستىلەر ئارقىلىق تالىبانلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بولۇپمۇ خىتاي ئافغانىستاندا مەۋجۇت دەپ قاراۋاتقان ‹ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى› ئەزالىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدە تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز، دەپ ئويلىغان. ئەمما بىلىشىمىزچە، تالىبانلار ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق. خىتاينىڭ بۇرۇنقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ‹ئاينەك قۇرۇلۇشى› غا قارىساقمۇ ئاشۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي پىلانى مەغلۇپ بولغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسدىن قارىغاندىمۇ، خىتاي بۇ خىل ئىقتىسادىي ئىستىراتېگىيەلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرى كۆزلىگەن كونكىرېت نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى، دەپ قارايمەن.»

كابۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مېس ئاينەك (Mes Aynak) كېنى ۋە ئامۇ دەريا تۈرى ئون يىل ئىلگىرى ئامېرىكا قوللىغان ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېچىشىغا بېرىلگەن. ئەمما ئۇ تۈرلەرنىڭ ھېچقايسىسى تەرەققىي قىلمىغان.

تالىبانلارنىڭ قېزىلما بايلىق ۋە نېفىت مىنىستىرى شاھابۇددىن دىلاۋار يېڭىدىن ئىمزالانغان ئامۇ دەريا تۈرىنىڭ ئافغانىستانلىقلارغا 3000 ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتلىرى ھەققىدىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئافغانىستاندا بىر قانچە تۈرلۈك مەنپەئەتى بار. بىرىنجى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەۋپسىزلىكى. ئىككىنچى، ئافغانىستاندا خىتايدىن باشقا بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماسلىق. ئۈچىنچى، ئافغانىستاننىڭ بايلىقلىرى. ھازىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئافغانىستاندا بىر تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى خام قېزىلما ماددىلار بار ئىكەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي مۇھتاج بولغان يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتى خىتايغا ئاسانلا باغلىنىپ قالغان.»

ما خەييۈن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىكى بىرقانچە مۇھىم نۇقىتىلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى: «بىرىنچىدىن، بۇ قېتىمقىسى ئىلگىرىكى ‹ئاينەك قۇرۇلۇشى›دىن پەرقلىنىدۇ. يەنى خىتاي تالىبان ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى، ئافغانىستانلىقلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش ئەگەر تۈركمەنىستان چىگراسىغا يېقىن بولسا، بۇ مەبلەغ سېلىش خىتايغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن چوڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى خەۋەردە ئېيتىلغىنىدەك، ئەگەر ئافغانىستان تەرەپ بۇ تۈردە 20 پىرسەنت ئۈلۈشنى ئىگىلىگەن بولسا، ئۇ چاغدا خىتاي شىركىتى ناھايىتى چوڭ پايدا ئالدى، دېگەن گەپ.»

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئەكرەم بىلەن ما خەييۈن ئەپەندى ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامى قىممەت قارىشى بويىچە ئۇيغۇرلارنى ھازىرچە خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئافغانىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سودىدىكى كوزېرلىرىنىڭ بىرىسى قىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ئافغانىستانغا ھەرقانچە ئىقتىسادىي ياردەم قىلسىمۇ، تالىبانلار ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئەتراپتىكى باشقا گورۇپپىلارنىڭ ئەيبلىشىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىر تەرەپتىن تالىبانلار خىتاينىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئافغانىستاندىكى ئۆزى خالىغان گورۇپپىنى تالىباننىڭ قولى ئارقىلىق كونترول قىلىدۇ. مېنىڭچە، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە تالىبانلارنىڭ غەرب بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خىتاي بىلەن تالىبان مۇشۇنداق ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.»

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ مەزكۇر ماقالىسىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىدىن ئامۇ دەريا تۈرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان «شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى» 540 مىليون دوللارلىق بۇ كىلىشمگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.