ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىدىن كىيىن ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىشغال قىلغان تالىبان، 27-ئىيۇل كۈنى توققۇز كىشىلىك بىر ھەيئەتنى تيەنجىن شەھىرىگە ئەۋەتكەن. تالىباننىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى موللا ئابدۇل غېنى بارادار (Mullah Abdul Ghani Baradar) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كىيىن بايانات ئېلان قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن «ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى مەغلۇبىيەت» دەپ ئاتىغان.
جاۋ لىجىيەن يەنە، «خىتاينىڭ ‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىغا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بىلەن كۈرەش قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ئافغان تالىبانلىرىنىڭ ‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشنى، ئۇلار بىلەن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشىنى، توسالغۇلارنى يېڭىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىتلارنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
تالىباننىڭ رايوندىكى سىياسىي ئورنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدىمۇ تالىباننىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان يازمىلار كۆپىيىشكە باشلىغان. خۇ شىجىن تەرىپىدىن «يەرشارى ۋاقتىى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، «ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزگە دۈشمەن تاپماسلىقىمىز كېرەك، تالىباننىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ياخشى نىيىتىنى ئالدىراپ رەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئافغانىستاندىكى تەسىرىمىزنى كۈچەيتىش ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم» دېيىلگەن.
تۈركىيەدىكى كۆچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى ياقۇپ مۇھەممەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد نائىم، تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتتا، مەزكۇر يىغىندا «سىياسەت، ئىقتىساد، ئۆز-ئارا بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ» ئاساسىي تېما بولغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇھەممەد نائىم يەنە، AFP نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تالىبان ھەيئىتىنىڭ خىتايغا «ئافغانىستاننىڭ باشقا دۆلەتكە قارشى بازا سۈپىتىدە قوللىنىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى» ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
تالىباننىڭ باياناتچىسى سۈھەيىل شاھىن ئېلان قىلغان باياناتتا، «ئافغانىستاننى يېڭىدىن قۇرۇش جەريانىدا خىتاي مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشتىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە ئىشچىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى» ئېيتقان.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
ھىندىستانلىق كەسپىي دىپلومات باھادىر كامۇران (M. K. BHADRAKUMAR) نىڭ «ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئافغانىستان پىلانى ۋە نىشانلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، «خىتاينىڭ تالىبانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ‹دۈشەنبە يىغىنى› دا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تالىباننىڭ تىررۇرچى كۈچلەرنى تازىلىمايۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى» يازغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «تالىبان باياناتچىلىرى خىتاينى ‹ئافغانىستاننىڭ دوستى› دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ».
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىنىشى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكانىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا باغلاپ قارىلاشقا، تېررورىزم بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇتەخەسسىسلەر، «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، بۇ تەشكىلاتنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.