خەلقئارادا ئىسلامىي تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا يېڭىۋاشتىن ئىسلامىي ھاكىمىيەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىشى، دۇنيادا جىددى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. خەلقئارا تاراتقۇلاردا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن پۇقرالىرىنى جىددى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىنى چېكىندۈرمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە تالىبان كۈچلىرىگە يېقىنلىق بىلدۈرۈشى، تارتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مېنىستېرى ۋاڭ يى 16-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ سۆزلىشىشتە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكانىڭ تېزلىكتە ئەسكەر چېكىندۈرۈشى، ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە يامان تەسىر پەيدا قىلدى،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يالغان باھانە-سەۋەبنى توقۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17-ئاۋغۇستىكى باياناتىدا، ئامېرىكانى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەمەلي كۈچى ئافغانىستانغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى، بۇ تەرەقىيات ئەمەس،» دېگەن.
خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيەسىنىڭ 18-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدە، خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتى ئېلان قىلىندى.
جاۋ لىجيەن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان كۈچلىرىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېرورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، تالىباننى قوللاش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىشىدە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا يېڭى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 17-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر كلائۇد راكىسىتسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تاشقىي قوللىغۇچىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى ئۆتكەن ئايدا تيەنجىندە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، تالىنبانلاردىن «خىتايغا زىيان يەتكۈزىدىغان قۇراللىق تەشكىلاتلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق» نى، بولۇپمۇ «شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئۇيغۇر قۇراللىقلىرى بىلەن چېگرانى ئېنىق ئايرىش» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تالىبان بىلەن خىتاينىڭ يېڭى مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەزەلدىن تېرورلۇققا ھەقىقىي قارشى تۇرۇپ باقمىغان، بەلكى ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» تا ھەممىدىن ئاۋۋال خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئىكەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ھالدا تېرورلۇققا قارشى تۇرغان ئەمەس، چۈنكى خىتاي پەقەتلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، باشقا مەسىلىلەرگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلدى. ئەگەر سېنىڭ تېرورلۇققا قارشى مەيدانىڭ ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كەلسە، ئۇ قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر تېرورلۇققا قارشى ھەركەت ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كەلمىسە، بەلكى ئۇ دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان تەرەپكە خەۋپ كەلتۈرسە، ئۇ ھالدا خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئېغىز ئاچمايدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە 2001-يىلدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» شوئارىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «20 يىل ئىلگىرى، يەنى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ تېرورلۇققا قارشى ھەركىتىنىڭ خىتايغا پۇرسەت ياراتقانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن، خىتاي تېرورلۇققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى، يەنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتتى. ھالبۇكى، بۇ چاغدا خەلقئارا جەمئىيەت تېرورلۇققا بىرلىشىپ زەربە بېرىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا دىققەت بېرەلمىدى. بۇ ئەھۋال خىتايغا پۇرسەت ياراتتى، ئۇ تېرورلۇققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇردى.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە بۇ قېتىم ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن ئىلگىرىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاپ تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن ئىلگىرىلا تالىبان ۋەكىللىرى خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىچىدە پەقەت خىتايلا تالىبان كۈچلىرى بىلەن رەسمىي كۆرۈشتى. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىستىراتېگىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارالغان تالىبانلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تالىبان كۈچلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجەنتىلغا ئالغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا تېرورلۇق ئىدىيەسى مەۋجۇت، چېگرا سىرتىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇلارنىڭ تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ›، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى تەشكىلاتى» خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا› دىگەنلەرنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت ئەمەس.»
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئاتالمىش تېرورلۇق پائالىيەتلىرىگە يانتاياق بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ئاغزىدا بۇنداق دېگىنى بىلەن، تالىباننىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. تالىبانلار تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ خىتاي چېگراسى ئىچىدە قىلمايدۇ. چۈنكى تالىباننىڭ ئاساسلىق قارشى تۇرۇش ئوبيېىكتى غەرب دۆلەتلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يەتكىنى ئۈچۈن تالىبان بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، بۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»