بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ باش ئەلچىسىنى كۈتۈۋېلىشى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن جۈمە، يەنى 1-دېكابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭغا تەيىنلىگەن باش ئەلچىسىنى رەسمىي كۈتۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككى تەرەپ بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئېچىلغان «مۇھىم سەھىپە بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

تالىبانلار ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۈتۈۋېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خوڭ لېي تالىبانلار ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا ئەۋەتكەن باش ئەلچى ئەسەدۇللا بىلال كەرىمىنىڭ قولىدىن باش ئەلچىلىك خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. خوڭ لېي ئەسەدۇللا بىلال كەرىمىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنى «بېيجىڭ بىلەن كابۇلنىڭ ئىجابىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 2021-يىلى ئافغانىستاندا 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان ئىدى. تالىبان ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 9-ئايدا تۇنجى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى كابۇلغا باش ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن، تالىبان دائىرىلىرىمۇ ئۇنى زور داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالغان ئىدى.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بۇ بېرىش-كېلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلدىمۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرى تېخى تالىباننىڭ خىتايغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىلىق رەسمىي بىر بايانات بەرمىگەن.

تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۇنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. بىراق خىتاي غەيرىي-رەسمىي دىپلوماتىيەلىك يول ئارقىلىق ھەم خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىكەن ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى داۋام قىلالايدىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستانغا توختىماي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزمەكتە. تېخى بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ئافغانىستان پايتەختى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھەر چارشەنبە كۈنى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا قاتنىشىنىمۇ يولغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكا كور تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ دېيىشىچە، تالىباننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قوراللىق رادىكال گۇرۇپپىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قوللىغۇچىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇللاھ ئابدۇل غېنى بارادار بىلەن. 2022-يىلى 24-مارت، كابۇل، ئافغانىستان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇللاھ ئابدۇل غېنى بارادار بىلەن. 2022-يىلى 24-مارت، كابۇل، ئافغانىستان. (AP)

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار تالىبانلارنى ۋە پاكىستاندىكى باشقا تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن نېفىت ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇھىم سودا ئالاقىلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تالىبانلار كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك، ئۆتكەن يىلى (2022-يىلى 3-ئاي) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ شەخسەن ئۆزى تالىبانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستاننى ئوچۇق-ئاشكارا زىيارەت قىلدى. ئارقىدىن خىتاي ئەلچىسىنى ئەۋەتتى. ئەمدىلىكتە تالىباننىڭ ئەلچىسىنى بېيجىڭ كۈتۈۋالدى. يەنى خىتاي دائىم قىلغىنىدەك، قەدەممۇ-قەدەم، ئاستا-ئاستا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ يولىنى مېڭىۋاتىدۇ.»

رادىكال ئىسلامچىلار دەپ بىلىنىدىغان بۇ تالىبانلار ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىۋاتقان دىنسىز خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئارىسىدىكى بۇ يېقىن مۇناسىۋەت، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان بۇ ئىككى ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى يېقىنلىقنى مەنپەئەتتىن باشقا نەرسىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تالىبان ھاكىمىيىتى مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيەلىرىدىن ۋاز كەچكەن، دەپ ئەيىبلىدى.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تالىبانلارنى ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئاندېرس كور بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنداق ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشى لازىملىقى، جۈملىدىن تالىبانلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان رەزىل ھاكىمىيەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى رەزىل كۈچلەرنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى ئۆلتۈرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ. بۇ ھاكىمىيەتلەر خەلقئارا ئورگانلاردا بىر-بىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوللىشىدۇ، بىر-بىرىنى قوغدىشىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ تالىباننى، رۇسىيەنى، خاماس تەشكىلاتىنى، ئىراننى ۋە ۋىنسۇئىلانى قوللاپ كەلگەنلىكى جازاسىز قالسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى توسقىلى بولمايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى قوللاۋاتقان ھۆكۈمەت دەپ بەلگىلىنىشى ۋە جازالىنىشى كېرەك.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ئۆز ئىدىيەسىگە پۈتۈنلەي زىت ھاكىمىيەت بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشقا كۆندۈرۈشى، خۇددى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەتتا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە كۆزىنى يۇمۇۋېلىشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان قويۇق تىجارىي ۋە سىياسىي ئالاقىسىغا چېتىلىدىكەن.