ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈنتەرتىپتىن قالماسلىقىغا پەقەتلا تاراتقۇلار مەسئۇلمۇ؟
2022.11.17
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا 5 يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى بەزى تاراتقۇلار خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشتىن سوۋۇپ قالغان، ھەتتا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا بىلىپ-بىلمەي ماسلىشىپ كەتكەن ئەھۋالمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن.
2022- يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» دە داڭلىق مۇخبىر، «زېمىستان» تورىنىڭ دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) «خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان ئىنكاسى» ناملىق دوكلات بەرگەن.
ئۇ يەنە بۇ دوكلات ئاساسىدا «زېمىستان» تورىدا «تاراتقۇلارمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكارمۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان ئىنكاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەم رولىنى مۇھاكىمە قىلغان.
ماركو رىېسپىنتىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي ئەھۋالنى يەتكۈزۈش تاراتقۇلارنىڭ بىرىنچى مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك. تاراتقۇلاردا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىشلەش يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەش ئىرادىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئومۇمەن ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان بۇ ھەقىقەتنى بۇرمىلىماي، يوشۇرماي، ئەگىتمەي، سۇسلاشتۇرماي، ئەينەن يەتكۈزۈشى ھەمدە سىياسەتچىلەر ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئىنسانلار بەزىدە يالغان، ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشىنىدۇ، خىتاي ھەم بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. بۇنداق ئۇچۇرنى ئالغانلار تارىخ ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بۇرمىلانغان پىكىرلەرگە ئېرىشىدۇ، نەتىجىدە ئاممىۋى ساھەدە ناچار ياكى خاتا ھەرىكەت قىلىدۇ.
ماركو رېسپىنتى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يۇقىرىقى قاراشلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاخبارات مۇستەقىل بولۇشى، ھەقىقەتنى ئىزدىشى، ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ دائىم ھوقۇق-ئىمتىيازنىڭ كۈچىدىن گۇمانلىنىشى، ئۇنىڭغا سوئال قويۇشى كېرەك. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇستەقىل تاراتقۇ بولىدۇ. شۇڭا بىز خىتاينى دېموكراتىيە بولمىغان، مۇستەبىت دۆلەت دەيمىز. مۇستەقىل تاراتقۇ دەل خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يالغانچىلىقىغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەت قورالى. مۇستەقىل تاراتقۇ ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ، دېموكراتىيەگە ياردەم بېرىدىغان ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. شۇڭا بۇنداق تاراتقۇلار ھاكىمىيەتكە سوئال قويىدۇ، پاكىت ۋە ھەقىقەت ئىزدەيدۇ. ھېچقانداق ئىشنى تەبىئىي شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ قارىمايدۇ، بولۇپمۇ خىتايدەك نۇرغۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەن دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى تەبىئىي ئىش دەپ قارىمايدۇ».
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر كرىزىسى توغرىسىدىكى پاكىت ۋە باھالارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك دوكلات، يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىم ۋە سىنلار ئارقىلىق ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە گۇۋاھلىق بار، سىياسىي ھەرىكەت ۋە قانۇن-تۈزۈملەر بار، مەخسۇس تور بېكەتلەر بار. ھەممە ئادەم بۇ ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ. مانا بۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەقىقەتنى ئاممىغا توغرا يەتكۈزۈشتە چوڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ كەسپىي ۋىجدان ۋە ئەخلاق بىلەن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، كىشىلەر يەنىلا ئۇيغۇر كىرزىسى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدۇ. ئەڭ چاتاق يېرى، كۆپلىگەن سىياسىئون ۋە ھۆكۈمەت بۇ خېلى ئېغىر مەسىلىدە توغرا ھەرىكەت قىلمايدۇ».
ماركو رېسپىنتى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تاراتقۇلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشقا ياردەم بەرمەي، بەلكى ئۆزىلا مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، تاراتقۇلار بەزىدە مەسىلىنىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تاراتقۇلار ئەسلىدە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتە. ئۇلار تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىماي ئاشكارىلىشى كېرەك. مۇخبىرلارنىڭ بۇرچى راست بولغان ئىشلارنى سۆزلەش. ئەگەر مۇخبىرلار بۇنداق قىلمىسا، مەسىلە ھەل قىلىشقا ياردەم بەرمەي، بەلكى چوڭ مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. بىلىشىمىزچە، بەزى غەرب تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشتى، غەربلىك بەزى مۇخبىرلار خىتاينىڭ پۇلىغا سېتىلدى. ئۇلارنى قىزىقتۇرغان نەرسە ھوقۇق بىلەن پۇل. بەزىلىرى بەك ھورۇن، ئىزدىنىپ تەكشۈرۈپ كۆرمەيدۇ، ھاكىمىيەتكە سوئال قويمايدۇ، خىتاينىڭ تارقىتىپ يۈرگەن تەشۋىقاتىدىن گۇمانلانمايدۇ».
ماركو رېسپىنتى بۇ ماقالىسىدە مۇخبىرلارغا خىتابەن مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ مەلۇم نۇسخىسىنى نومۇسسىزلارچە تەكرارلاپ، ئاخباراتچىلىققا ھاقارەت ئېلىپ كەلدى. <زېمىستان> ھەمىشە بىر قىسىم غەرب مۇخبىرلىرى (ھەتتا ساختا مۇخبىرلار) بىلەن خىتاينىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ شېرىكلىك ھەققىدە خەۋەر بېرىدۇ. بىر قىسىم چىرىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىزنى بۇ يەرگە كېلىپ سۆزلەشكە مەجبۇر قىلدى».
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر ئاخبارات ھوقۇق-ئىمتىيازغا جەڭ ئېلان قىلالىسا، ئۇ ئەركىن ئاخبارات بولىدۇ. ھەقىقىي مۇخبىرلار ئۇيغۇر كرىزىسى ۋە ج ك پ نىڭ خاتالىقلىرىغا قارىتا سوئال سوراش، تېخىمۇ كۆپ سوئال سوراش، تەپسىلاتلارنى تەلەپ قىلىش، قانچە كۆپ بەدەل كەتسىمۇ جاۋاب ئىزدەشتىن زېرىكمەسلىكى كېرەك. مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەر كۈنى ھۆكۈمەت ۋە سىياسىئونلارغا جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك؛ مەيلى قايسى دۆلەت خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ، ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزگەن بولسۇن ئۇلارغا سوئال قويۇشى كېرەك».