تارىم ۋادىسىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.06.05
lager-kyim-tikish.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان لاگېر «ئوقۇغۇچى» لىرىنىڭ تىكىمچىلىك كۇرسى. 2019-يىلى 4-يانۋار، قەشقەر.
REUTERS

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىلغان مەزگىللەردە قاتتىق قوللۇق بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن چېن چۇەنگو يۆتكەپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئالىي مەلۇماتلىق دوكتور» ، «ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئەھلى» دېگەندەك ناملار بىلەن سۈپەتلەنگەن ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سېكرېتار بولۇپ كەلگەن ئىدى. دەرۋەقە، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا ماس ھالدا مەزكۇر رايوننى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ما شىڭرۇينىڭ يۆتكىلىپ كېلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب قىسمەن بولسىمۇ ئاشكارا بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئارقا سەپ «تايانچ بازا» غا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىرى 31-ماي كۈنى قەشقەر شەھىرىدە چاقىرىلغان «2023-يىللىق پۇقرالار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش چوڭ يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىنغا «مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» ، «مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى» ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇھىم كاتتىباشلىرى، شۇنىڭدەك ئەنخۇي، جياڭشى، شەندوڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تولۇق قاتناشقان. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىر قوللوق لايىھەلىگەن بىر قېتىملىق چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى نامايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن بۇيان «پۇقرالار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى» جەريانىدا 110 مىليارد سوم (15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك) مەبلەغ سېلىنغان. بۇ يىل بولسا بۇ مەبلەغنىڭ 44 مىليارد سوم ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. خىتاي كارخانىلىرى ئاساسلىق مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر باتارېيە زاۋۇتى، قۇرۇق مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيا قىلىنىدىكەن. يىغىندا «مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان. گاۋ يۈنلوڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ قېتىمقى كارخانا چاقىرىش خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىدىن بىرى. بۇنىڭدا پۇقرالار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىشنىڭ قانداق شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا كىملىكى ئورتاق قارىشىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەن.

ما شىڭرۇي بولسا ئۆز سۆزىدە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلىگەن سۆزلەرنىڭ مۇھىم روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى پۈتۈن شىنجاڭ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇنىڭ ئاچقۇچلۇق دەۋردىكى ئاچقۇچلۇق ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق» دېگەندەك ئىبارىلەر ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. بۇ رايون دۆلىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن باغلاش ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشتا زور قىممەتكە ئىگە. ھەرقايسى كارخانىچىلار ‹سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى› بويىچە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق مەسىلىسى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى ۋە كان بايلىقى مەسىلىسىگە، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ راۋانلىقىغا كېپىللىك قىلىشى لازىم» دېگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكىتلەنگەن يېتەكچى ئىدىيەلەر خاراكتېر جەھەتتە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا بولۇپ ئۆتكەن «غەربىي يۇرتتىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى ساقلاپ قېلىش» ھەققىدىكى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان «غەربىي يۇرت قولدىن كەتسە، . خىتاينىڭ ھالاكىتىگە يول ئېچىلىدۇ» دەيدىغان پىكىرگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.

گاۋ يۈنلوڭ، ما شىڭرۇي قاتارلىق خىتاي كاتتىباشلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆزلىگەن سۆزلىرى 2023-يىلى غايەت زور ساندىكى خىتاي كارخانىلىرىنى تارىم ۋادىسىغا چىللاپ كېلىشىدىكى باش نىشاننىڭ شۇ جاينى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە «تەرەققىيات» نامىدا خىتاينىڭ تۈپلۈك دۆلەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش ھەمدە خىتاي كارخانىلىرىنى باي قىلىش ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ خىلدىكى يېڭى كارخانىلارنىڭ ئىش باشلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا تەبىئىي ھالدا «ئاسمان خەۋەرلىرى» مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان نەق مەيدان زىيارىتىدە ئېيتىلغان «لاگېرلار تاقالغان ياكى تاشلىنىپ قالغان، بۇ جايلارغا قامالغان تۇتقۇنلار تۈرمىلەرگە ياكى يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىلىپ بولغان» دېگەن قۇرلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ خىلدىكى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ھەققىدە سۆز بولغاندا، لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادريان زېنز بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

 «جەنۇبىي شىنجاڭغا بىۋاسىتە ھالدا 44 مىليارد سوم قىممىتىدە مەبلەغ سېلىش ئەمەلىيەتتە بەكمۇ چوڭ قۇرۇلۇش. بۇ دەرۋەقە يېڭى پارتىيە سېكرېتارى بولغان ما شىڭرۇينىڭ رايون تەۋەسىدە ‹بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش› شوئارى ئاستىدا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىۋاسىتە ماس كېلىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئىختىيارىيلىق ياكى مەجبۇرىيلىق ئاساسىدا قوبۇل قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئىش ئورۇنلىرى يارىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە ئىش ئورنى كۆپەيتىش ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار خىتايلارغا ئىشلەيدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار بولسا تەبىئىي رەۋىشتە خىتايلار بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلار ھەرقاچان ئۇنچە كۆپ ئىش ھەققى ئالالمايدۇ. چۈنكى تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇيان ئىزچىل ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇشۇ خىل چارىلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىندا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن كارخانا ئىگىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ كارخانىلارنىڭ «نۆل مەبلەغ» بىلەن ئىش باشلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھەرقايسى شىركەت ۋە كارخانىلارنى تولۇق خاتىرجەم بولغان ئاساستا قەشقەردە ئىش باشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇنچە كۆپ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇ يوسۇندا ئۇيغۇر دىيارىغا چىللاپ كېلىنىشى يەرلىك خەلققە ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشقا رول ئوينىمايدىكەن. بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر كارخانىچىلار پۈتۈنلەي لاگېرلارغا قامالغان، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى تالان-تاراج قىلىنىپ بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىشقا كەلگەن بۇ خىتاي كارخانىچىلار ئۆز يانچۇقلىرىنى توملاشتىن باشقا ھېچقاچان يەرلىك خەلققە پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى ئىستىمەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ما شىڭرۇي ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر نۇقتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «كۆپ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېڭىچە قەشقەرگە ئۆزگەرتىش» بولۇپ، بۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، دوكتور ئادريان زېنز بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كەلگەن نوپۇس سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ:

 «بۇ بەكمۇ مۇھىم ئۇچۇر. بۇ بولسا مەن دەپ كېلىۋاتقان نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەق ئۆزى. خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، مەن بۇ ھەقتە 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان قىرغىنچىلىق تېمىسىدىكى ماقالەمدە مەخسۇس توختالغان ئىدىم. بۇنىڭدا ئۇلار <ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇمىز> دېگەن نامدا ئۇلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ھەمدە بۇ رايونغا خىتاي كۆچۈرۈشنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاي شىنجاڭ رايونىدا بايلىق قېزىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ بايلىقلار خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ رايوننى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن بەكمۇ مۇھىم، دەپ قاراۋاتىدۇ.»

گەرچە خەۋەردە بۇنچە كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇنچە كۆپ سوممىلىق ئىش توختامى ئىمزالىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ كونكرېت ھالدا قانداق «تەرەققىيات» پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئېلشات ھەسەن قانۇن مەۋجۇت بولمىغان خىتايدا ھەممىلا ئىشتا كومپارتىيەنىڭ بۇيرۇق-پەرمانلىرى قانۇن رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك خەلققە ئەمەس، ئەكسىچە شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان كومپارتىيەنىڭ ھەرقاچان شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى قىبلىنامە قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا قەتئىي ئىتائەت قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش قوماندانى بولغان شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشقا بىۋاسىتە ياردەم بەرگۈچى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ زاۋۇت-كارخانىلارنى ئېچىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە سورۇن ھازىرلاش رولىنى ئوينايدۇ، خالاس.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالدى زاۋۇتلارنىڭ ئورنى ئۈچۈن يەر تاللاشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، يېقىن ئارىدا قالغان شىركەتلەرنىڭمۇ تېزدىن ئىش باشلايدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.