بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنى، يەنى يۇنېسكو نىڭ باشچىلىقىدا 1982-يىلى ئۆتكەن خەلقئارا يادىكارلار كېڭىشىنىڭ مەجلىسىدە 18-ئاپرېل «خەلقئارا يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي ماكانلارنى قوغداش كۈنى» دەپ بېكىتىلگەن ۋە 1984-يىلى 18-ئاپرېلدىن تارتىپ بۇ كۈن كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەنمەكتە ئىدى. مەزكۇر بايرام قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «تارىخىي ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ قالايلى» دېگەن شوئار ئاستىدا تەبرىكلىنىپ كېلىنمەكتە.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشى 18-ئاپرېل كۈنى ئەنە شۇ «خەلقئارالىق يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي ماكانلارنى قوغداش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارنى تارىخىي ئىزلار جايلاشقان ئورۇنلارغا باشلاپ بېرىپ ئۇلارغا تارىخ، ۋەتەن ۋە مىللىي ئەنئەنە تەربىيەسى بەردى. ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بالىلار بىلەن بىرلىكتە 10-12-ئەسىرلەردىكى قاراخانىيلارنىڭ سۇلالىسىنىڭ قەشقەر بىلەن بىرقاتاردا پايتەختى بولغان، ھازىرقى توقماق يېنىدىكى بالاساغۇن شەھىرىنىڭ خارابلىرىنى ۋە شۇ خارابىدىكى «بۇرانا» مۇنارىسىنى زىيارەت قىلىشتى.

قاراخانىيلار دۆلىتى 10-12-ئەسىرلەردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر-تۈركىي ئالىملىرى يۈسۈپ خاس ھاجىب ۋە مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق ئالىملار بالاساغۇن ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە ياشىغان ۋە ئىجاد قىلغان.
رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىرى رەھىمجان ھاپىزى قەشقەردىن قالسا بالاساغۇن شەھىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر زىيارەتكە قاتناشقان ئۆسمۈرلەر بالاساغۇن شەھىرى خارابىسىنى زىيارەت قىلىشتىن سىرت يەنە ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي بىنالار ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تەسىرگە ئىگە بولغان ئاممىۋى مەسچىتلەر، جۈملىدىن قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى، قەشقەر شەھىرىدىكى «ھېيتگاھ مەسچىتى»، «ئاپئاق خوجا مەقبەرسى»، شۇنداقلا تۇرپاندىكى «ئېمىن خوجا مۇنارى» ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يەر ئاستى سۇغۇرۇش سىستېمىسى «كارىز» قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى. بۇ بالىلارمۇ بۇ ھەقتە ئۆزلىرى بىلگەنلەرنى سۆزلەشتى. بۇلارنىڭ بەزلىرى يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسچىتلىرى، جۈملىدىن مەككە-مەدىنەدىكى مەسچىتلەر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى ھەققىدىمۇ سۆزلەشتى.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان توقماق شەھىرىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى زەينۇرە ۋە ئارزىگۇل خانىملار بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ يۇنېسكو بەلگىلىگەن بايرامدىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا تارىخىي ماكانلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي تارىخى ۋە ئەنئەنىسى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تۇرسۇنئاي ئىسلام ۋە قەمىنۇر لوبانوۋا خانىملار ئۆسمۈرلەرگە سوۋغاتلار تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ ھەر بىر قەدىمنى قوللاپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى. تۇرسۇنئاي خانىم يەنە بالاساغۇن شەھىرى خارابىسىدىكى قەدىمدىن قالغان بۇرانا مۇنارىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئانا-تىل ۋە ئانا-تۇپراقنى سېغىنىش تۇيغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كېڭېشى قىرغىزىستاندا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدا زور ھەسسىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆسمۈر-بالىلار ئۈچۈن داۋاملىق تۈرلۈك مۇسابىقىلەر، ئانا تىل بايرىمى، بىلىم بايرىمى ۋە باشقا مۇراسىملارنى ئۇيۇشتۇرپ كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن پايتەخت بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر، يېزىلارغا، ئاز قىسمى قاراقول، قارابالتا، توقماق ۋە جەنۇبتىكى ئوش ھەم جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان.